باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەكچى ئىشلىتىشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ
2008- 04- 30 10:49 شىنجاڭ گېزىتى

      ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتىكى قانۇن، نىزام، سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 15 –  مارتتىن باشلاپ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەكچى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى يازما ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

     ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش مەزمۇنى ئەمگەك كاپالەت قائىدە – تۈزۈملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن ئاجراتقان چىقىمى، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى  ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن. بۇ خىزمەتنى قانات يايدۇرغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەكچى ئىشلىتىش جەھەتتىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا تۈزەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، ئەمگەك ئىشلىرىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى بىۋاسىتە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگىلى، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنىڭ قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

     ئەمگەك ئىشلىرىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش باش ئەترىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇنداق دېدى: ‹‹كۆپ قىسىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار  يازما ماتېرىيالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئاز بىر قىسىم ئورۇنلاردا يازما ماتېرىيالنى تاپشۇرۇشنى قەستەن ئارقىغا سۆرەيدىغان، ماتېرىيال يېزىشتا كۆز بويامچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس،بىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ يازما ماتېرىيالىنى ۋاقتىدا، راستچىللىق بىلەن تولدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان ياكى ماتېرىيالدا كۆز بويامچىلىق قىلغان ئورۇنلارغا ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تەپتىش نىزامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. يازما ماتېرىيال يوللىغان ئورۇنلار ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپ ئېلېكترونلۇق جەدۋەلنى تولدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.››

     ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار تۇنجى تۈركۈمدىكى يازما ماتېرىيال تاپشۇرۇش ئوبيېكتلىرى بولۇپ، باشقا ئىدارىلەر ۋە ۋىلايەت ئوبلاست، شەھەرلەردە بۇ خىزمەت  كەينى –  كەينىدىن قانات يايدۇرۇلىدىكەن.  
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ