باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>> 乌鲁木齐图片
28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى
2008- 04- 28 10:06 تەڭرىتاغ تورى

ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولۇپ ، كېيىن ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃7بولىدۇ 

شىمالىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك يامغۇر ياغىدۇ

       ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 27 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 17دە ئېلان قىلغان ھاۋا رايى مەلۇماتىغا قارىغاندا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە 27 – ئاپرېل كەچتىن 28 – ئاپرېل كەچكىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ(تاغلىق رايونلاردا يامغۇر قارغا ئايلىنىدۇ)،  تارباغاتاينىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي قاتارلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، يۇقىرىدىكى رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8~9 بالغا يېتىدۇ، 30 چاقىرىملىق بوران رايونى، 100 چاقىرىملىق بوران رايونىدا 11 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ، تېمپېراتۇرا سېلسىيە  بەش گرادۇستىن سېلسىيە  سەككىز گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، تارباغاتاينىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاينىڭ قىسمەن جايلىرىدا يېنىك ئۈششۈك كۆرۈلىدۇ. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە  باشقا جايلاردا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

     ئۈرۈمچىدە 27 – ئاپرېل كەچتىن 28 – ئاپرېل كۈندۈزگىچە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ، كېيىن ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا سېلسىيە سەككىز گرادۇستىن 15 گرادۇسقىچە بولىدۇ، بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 4 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلىگەن. ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سېلسىيە 20 گرادۇستىن يۇقىرى بولغان. تارباغاتاي، ئىلى قاتارلىق جايلاردىمۇ تېمپېراتۇرا سېلسىيە 26گرادۇس ئەتراپىدا بولغان. 27 – ئاپرېل كەچتىن 28 – ئاپرېل كۈندۈزگىچە شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەيدۇ، ئۈرۈمچى ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى سېلسىيە يەتتە گرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ