باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>> 乌鲁木齐图片
15 – ئاپرېل ئۈرۈمچى
2008- 04- 15 09:58 تەڭرىتاغ تورى

ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12بولىدۇ  

      مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 14 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، سىبىرىيىدىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 17 – ئاپرېل كۈندۈزدىن 20 – ئاپرېلغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا سوغۇق ھاۋا رايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

     مۆلچەرلىنىشىچە، 17 – ئاپرېل كۈندۈزدىن باشلاپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدا ئازراق ۋە ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ، كېيىن قارغا ئۆزگىرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇقىرىقى رايونلاردا ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا ئون بالدىن 11 بالغىچە بوران چىقىدىكەن، 30 چاقىرىملىق شامال رايونى، 100 چاقىرىملىق شامال رايونىدا 12 بال بوران چىقىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تېمپېراتۇرا ℃10 تىن ℃15 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃0 تىن تۆۋەن بولىدىكەن ھەم ئېغىر ئۈششۈك بولىدىكەن. 18 – ئاپرېل سەھەردىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ۋە ئازراق يامغۇر، تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن؛ 18 – ئاپرېل كېچىدىن 20 – ئاپرېلغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا بەش – ئالتە بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن ھەم بىر قەدەر كۈچلۈك چاڭ – توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن ۋە توپا ياغىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃8 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك بولىدىكەن.

     مۆلچەرلىنىشىچە، 17 – ئاپرېل كېچىدىن 20 – ئاپرېلغىچە ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ، كېيىن قارغا ئۆزگىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن ۋە بوران چىقىدىكەن. شەھەرنىڭ شىمالىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃7 تىن نۆلدىن تۆۋەن ℃4 قىچە بولىدىكەن، شەھەرنىڭ جەنۇبى، يۇقىرىقى تاغ (نەنسەن)دا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃15 تىن نۆلدىن تۆۋەن ℃12 قىچە بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ℃0 تىن تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۈچ – تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن.  
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ