|

شىنخۇا تورى بېيجىڭ 9 – ئاپرېل تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 9 – ئاپرېل بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا خەلقئارا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې بىلەن كۆرۈشتى .
ۋېن جياباۋ ئالدى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى ۋە روگگېنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىىنىڭ تەرەققىياتى ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ، ھەر قايسى رايون خەلقىنىڭ ئۆز– ئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە ئۇلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىىسىنىڭ تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىگە بەرگەن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرى ۋە قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش دۇنيا خەلقىنىڭ كاتتا ئىشى . نۆۋەتتە ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئىلىنى دۇنيا بويىچە كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . ئولىمپىك مەشئىلى تىنىچلىق ، دوستلۇق ، تەرەققىيات ۋە يۇرۇقلۇققا سىموۋلى قىلىنغان بولۇپ ، مەشئەل ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كېلەچەك يارىتىشتىكى ئورتاق ئارزۇسى ۋە تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . بىز پۈتۈن ئىنسانىيەت ئولىمپىكى مەشئىلىنىڭ ھەرگىز ئۈچۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى : جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگودىكى 1 مىليارد 300 مىليون خەلق ئولىمپىك پىرىنسىپى ۋە روھىغا ئاساسەن ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، ئۆزگىچە ، يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر قېتىملىق كاتتا تەنھەرىكەت مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ ، پۈتۈن دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى تۇلۇق ئادا قىلىدۇ .
روگگې مۇنۇلارنى بىلدۈردى : خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگو تەرەپنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى دۇنياۋى كاتتا مەرىكىنى ياخشى ئوتكۈزۈشىگە يېقىندىن ياردەم بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ . ئۇ يەنە بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيا بويىچە كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئوڭۈشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە كۆرۈلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
|