باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
16 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئولىمپىك جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىلدى
2008- 04- 09 10:19 شىنجاڭ گېزىتى

    ۋۇ باڭگو ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. 16 – نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە رايون ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتى(قىسقارتىلىپ خەلقئارا ئولىمپىك جەمئىيىتى دېيىلىدۇ) ۋەكىللىرى يىغىنى 7 –ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.

     ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: ئو ت م ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى، 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەت ۋە رايون ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتى قاتارلىق خەلقئارا تەنھەرىكەت تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئو ت م ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ زورىيىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە ۋە مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۈگۈن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتى تۇنجى قېتىم بېيجىڭدا يىغىن ئاچتى، بۇ 2008 – يىللىق ئو ت م ۋە مېيىپلەر ئو ت م ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭغا تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، خەلقئارا تەنھەرىكەت ساھەسىدىكىلەر ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ بېيجىڭ ئو ت م  ۋە مېيىپلەر ئو ت م غا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

      ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش –– جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئولىمپىك ئىشلىرىنى پائال قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئالتە نۆۋەتلىك يازلىق ئو ت م غا، سەككىز نۆۋەتلىك قىشلىق ئو ت م غا قاتنىشىپ، ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئو ت م نى ئومۇملاشتۇرۇپ، ماھارەت تەنتەربىيىسى ۋە ئاممىنىڭ  تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 2001 – يىلى بېيجىڭ 2008 – يىلى ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئولىمپىك قىزغىنلىقىنى غايەت زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش، ئو ت م غا قاتنىشىش، ئو ت م غا تۆھپە قوشۇش ياخشى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بېيجىڭ ئو ت م  ۋە مېيىپلەر ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى مۇقەررەر ھالدا، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەنتەربىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتەك يۈكسەك ئىشقا مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     ۋۇ باڭگو تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا تەنھەرىكەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، بېيجىڭ يازلىق ئو ت م  ۋە  مېيىپلەر ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىز دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت، رايونلاردىكى تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار ۋە ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى، كۆرۈشىنى ۋە بېيجىڭ ئو ت م  ۋە مېيىپلەر ئو ت م نى خەۋەر قىلىشىنى  قىزغىن قارشى ئالىمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى  دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئو ت م نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، بىرلىكتە تېخىمۇ زور، يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

     خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رانا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتى بېيجىڭ ئو ت م نى تەشكىللەش خىزمىتىنى ئىزچىل، قەتئىي قوللايدۇ ھەم بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋاملىق ياردەم بېرىپ، پۈتۈن دۇنيا  ياشلىرى ۋە خەلقى ئارىسىدىكى دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ.  ئۇ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئو ت م جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە جۇڭگونىڭ ئولىمپىك ھەرىكىتىدە يېڭى ھەم مۇھىم سەھىپە قالدۇرىدۇ.

     ئېچىلىش مۇراسىمىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چى ۋە  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ليۇ پېڭلارمۇ تەبرىك سۆزى قىلدى.  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەندۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن جىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دېڭ پۇفاڭ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى گو جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 

     ئېچىلىش مۇراسىمىغا بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ ۋېي رىياسەتچىلىك قىلدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىدا يىغىنغا قاتناشقان تەشكىلاتلار، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرى، بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 800دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ