|
خۇ جىنتاۋ پايتەختنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى :
ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. يېشىللىقنى بىللە بەرپا قىلىپ، ئولىمپىكنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ 5 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئولىمپىك پىدائىيلىرى ۋە پىئونېرلار ۋەكىللىرى بىلەن بىللە كۆچەت تىكتى.
5 – ئاپرېل پايتەختنىڭ 24 – قېتىملىق ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش كۈنى، بۇ كۈنى بېيجىڭدىكى 2 مىليونغا يېقىن كادىر ۋە ئامما كۆچەت تىكىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، پايتەختنى كۆكەرتىش سېپىگە قوشۇلدى.
ئولىمپىك ئاساسىي مۇسابىقە مەيدانىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدا تېرەك ۋە تاللار كۆكىرىپ، گۈللەر ئېچىلىپ، ھەممە ياق باھار تۈسىگە كىردى. 2001 – يىلىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ يەرگە بەش قېتىم كېلىپ كۆچەت تىكتى. پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ھازىرغىچە باغچىغا تەخمىنەن 500 مىڭ تۈپ ھەرخىل كۆچەت تىكىلىپ، كۆكەرتىش ۋەزىپىسى ئاساسەن ئورۇندالدى.

خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. خۇ جىنتاۋ پايتەختتىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىللە، بىر تۈپ ئاق قوۋزاقلىق قارىغاي، بىر تۈپ خۇاشەن قارىغىيى ۋە بىر تۈپ سۆسۈن گۈللۈك ماگنولىيە كۆچىتى تىكتى. باش شۇجى ھەر بىر تۈپ كۆچەتنى تىككەندىن كېيىن، پىئونېرلارنىڭ قولىدىكى چېلەكنى ئېلىپ كۆچەتكە سۇ قۇيدى. خۇ جىنتاۋ كۆچەت تىككەچ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى ھەم چوقۇم مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى تاپىلىدى. خۇ جىنتاۋ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتى پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك شەكىل. بۈگۈن بىر تۈپ كۆچەتنى ئارتۇق تىكسەك، ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. پۈتكۈل مەملىكەت خەلقى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىلا، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى جەزمەن ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ.
رەھبەرلەر كۆچەت تىكىش داۋامىدا ئەتراپىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلار بىلەن بېيجىڭ ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل كېلەچىكى ھەققىدە ئەركىن – ئازادە سۆھبەتلەشتى.
كۆپچىلىك چۈشكىچە جىددىي ئىشلەپ، نەچچە يۈز تۈپ كۆچەت تىكتى.
كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئولىمپىك ئورمان باغچىسىدىكى ئەڭ ئېگىز جاي ياڭشەن چوققىسىغا چىقىپ، باغچىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆكەرتىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى. ئەتراپقا نەزەر سالغاندا، گۈل – گىياھ، دەل – دەرەخلەر بىلەن تولغان ئولىمپىك باغچىسى ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنەتتى، يېقىنلا جايدا بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە مەيدانى بولغان ‹‹چاڭگا›› بىلەن دۆلەت سۇ ئۈزۈش مەركىزى ‹‹شۈيلىفاڭ›› ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر ئەتراپتىكى بۇ گۈزەل مۇھىتنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدى. خۇ جىنتاۋ پايتەختنىڭ كۆكەرتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆكەرتىش خىزمىتىدە زور نەتىجىگە ئېرىشتى، بولۇپمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك ئورمان باغچىسىنى بەرپا قىلىپ، بېيجىڭدا يەنە بىر پارچە ‹‹شەھەردىكى ئورمانلىق››نى كۆپەيتتى. بېيجىڭ ئو ت م غا ۋە مېيىپلەر ئو ت م غا ئاز قالدى، ‹‹يېشىل ئولىمپىك›› ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ھەرقايسى ئەل تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنى ياخشى مۇھىت بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
|