|
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت 4 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا 13 – نۆۋەتلىكCCTV ياش ناخشىچىلارنىڭ مۇكاپاتلىق تېلېۋىزىيە ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭلىق ماھىرلاردىن ھال سورىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا، ئەركىن تۇنىياز ھال سوراشتا بىرگە بولدى.
ئابلەت ئابدۇرېشىت شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئەھۋالنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇ شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە قولغا كەلتۈرگەن ياخشى نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تارىخى ئۇزاق، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرى مول، قىممەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىق ماھىرلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار مەدەنىيەت بايلىقى ۋە شانلىق، گۈزەل مىللىي سەنئىتىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە نامايان قىلىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇتتى. ئۇ ماھىرلارنىڭ يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتى، ئەڭ ياخشى ماھارىتى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق كۆرۈپ، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ، كېلەر باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە، شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازىنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.
|