|
—يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش توغرىسىدا (4)
سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچتىكى ئوبيېكتىپ تەلىپى، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ جىددىي تەلىپى.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا، چوقۇم مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىىشى ۋە گۈللىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئالدى بىلەن جامائەت مەدەنىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ تۈپ مەدەنىيەت ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەتنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئامما ئورتاق قۇرۇپ تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزا جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېما قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز؛ ئاساسىي قاتلام ۋە يېزا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مەدەنىيەت تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹شىزاڭ – شىنجاڭ قۇرۇلۇشى››، ‹‹ھەممە كەنتلەرگە رادىئو – تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى››، ‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى››، ‹‹يېزا كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى›› ۋە ‹‹رادىئو – تېلېۋىزىيىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش›› قاتارلىق زور جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا، سەھىيىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەتنى مەھەللە، يېزا، مەكتەپ، كارخانا، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش مەيدانى ۋە چېگرا – مۇداپىئە قاراۋۇلخانىلىرىغا يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، ياخشى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلاملارغا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، نادىر ئەسەر يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە پايدىلىق مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشىمىز؛ ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى 1 – ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيىۋىلىكى، بەدىئىيلىكى، كۆرۈشچانلىقى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بازارنى ئىگىلىشىمىز؛ ئەدەبىيات – سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش يۆنىلىشى، ‹‹بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش›› فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈپ، ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى››، ‹‹تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى›› قاتارلىقلارنى سەھنە قىلىپ، نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرى ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە، مىللىي ئالاھىدىلىككە، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىجاد قىلىشىمىز كېرەك.
سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، سىياسىي ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز ۋە تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك.
ئىجتىمائىي پەن، نەزەرىيە، ئاخبارات، نەشرىياتچىلىق، رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى، مەدەنىيەت بازىرى، ئالاقە تورى قاتارلىق ئىدىيە مەدەنىيەت بازىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆز قارىشىمىز، سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىز ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز؛ ئىدىيە – مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى چىڭىتىشىمىز، خاتا نەرسىلەرگە ھېچقانداق تارقىلىش يولى قالدۇرماسلىقىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ يېتىدىغان ئىدىيە ۋە قاراشلارنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك؛ مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېرىق نەشر بۇيۇملىرىنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت، دىنغا دائىر قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى تازىلاش، مۇسادىرە قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى مەنبەدىن باشلاپ ساپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك؛ تەشۋىقات خىزمەت ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەت پىكرى ئەھۋالى ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىشنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىدا ئاساسىي مېلودىيىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك.
سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، چوقۇم ئالاقە تورىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشقان شارائىتتىكى مەدەنىيەت تارقىتىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىمىز كېرەك. بىر قولدا قۇرۇلۇشنى، بىر قولدا باشقۇرۇشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقە تورىدىكى تەشۋىقاتتا ئاساسىي مېلودىيىنى ياڭرىتىپ، ئۇچۇرلاشقان شارائىتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىشىمىز؛ خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىلغار تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ مەدەنىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە ئىپادىلەش شەكلىنى بېيىتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئالاقە تورى مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز؛ ئالاقە تورى مەدەنىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات ۋە سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىشىمىز؛ تور بېكىتى قۇرۇش ۋە تورغا كىرىشتە مەدەنىي بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە تورى ئەخلاق ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورىنى ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
|