|
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلار تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – قۇرۇلتىيى 2 – ئاپرېل داغدۇغىلىق ئېچىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ‹‹بىر ئاساس، ئۈچ قۇرۇلۇش›› ئاساسىي تەسەۋۋۇرى بويىچە ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇپ، ياشلىقى ۋە ئەقىل – پاراسىتى بىلەن ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن ياشلىق مېلودىيىسىنى ياڭرىتىشقا يېتەكلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى ۋە ھەر مىللەت ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيىنىڭ سادىق ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى بولۇش رولىنى، پارتىيە بىلەن ياشلارنى باغلاپ تۇرىدىغان مۇستەھكەم كۆۋرۈك ۋە رىشتە بولۇش رولىنى، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىزدىنىش جەريانىدا ئىلگىرىلەپ، زور ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ئومۇمىيەتكە،
جەمئىيەتكە، ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرىدا يېڭى ھالقىش ھاسىل قىلدى.
بەش يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلار پارتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرىنى مۇستەھكەملەش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە سەلتەنەتلىك ياشلىق مېلودىيىسىنى ياڭرىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى تارىخىي شارائىتتا داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئىلمىي، ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارغا كارامىتىنى نامايان قىلىدىغان، تۆھپە يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى،شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك قىزغىنلىق، تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جاسارەت، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ،ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى ئاتا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ!
|