|
— يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش توغرىسىدا (2)
‹‹ئومۇمىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك››. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا گەۋدىلىك تەكىتلەنگەن نۇقتا.
تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىن پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن. بۇمۇ جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاساسىي تەلەپ. تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدە ئومۇمىيەتنى چۆرىدەشتە چىڭ تۇرۇشتا تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جامائەت پىكرىنىڭ يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.
ئومۇمىيەتنى چۆرىدەش، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەشتە ئالدى بىلەن تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتەك يېڭى نىشان، يېڭى تەلەپنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى بىلەن جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا. جايلار، تارماقلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەن يېڭى تەدبىرى، يېڭى كەيپىياتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ساھەلەر، كەسىپلەر ۋە ھەرقايسى سەپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى تەسەۋۋۇر، ئىسلاھاتتىكى يېڭى بۆسۈش، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ۋەزىيەت، خىزمەتتىكى يېڭى تەدبىرلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بوشاشماي كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش؛ تەشۋىقات، تەربىيە ئارقىلىق ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ئىدىيىسى ۋە پۇرسەت ئېڭىنى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىيەتنى چۆرىدەش، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەشتە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت تەشۋىقات، تەربىيىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ھەقىقىي چىڭ، ياخشى تۇتۇش، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرماقتا. غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرمۇ شىنجاڭنى ‹‹غەربلەشتۈرۈش››،‹‹پارچىلاش››تىكى نۇقتىلىق رايون قىلدى، ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ھالقىلىق ساھە بولۇپ قالدى. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان، سوتسىيالىستىك ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدىغان سىياسىي كۈرەش بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.
شۇڭا، ھەرخىل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە كىشىلەر ئوڭاي قوبۇل قىلالايدىغان شەكىللەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، ئۆتكۈرلۈكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇتۇش؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تۈپتىن ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش؛ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ خەلققە بەخت ياراتقان ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭ زېمىنىدا ‹‹كومپارتىيە ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ياخشى›› دېگەن ئاساسىي مېلودىيىنى بوشاشماي ياڭرىتىش كېرەك.
ئومۇمىيەتنى چۆرىدەش، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەشتە يەنە يېڭى ۋەزىيەتتىكى جامائەت پىكرىنىڭ يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەم تەرەققىيات پۇرسىتى مەزگىلى بولغان، ھەم زىددىيەت گەۋدىلىك مەزگىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدە كىشىلەرنى ئالغا بېسىش داۋامىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەش ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرۇپ، كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى شارائىتى يارىتىپ بېرەلەيمىز. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پارتىيىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىجتىمائىي توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى چۈشىنىش، جامائەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، بولۇپمۇ جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە بولغان جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جامائەت كەيپىياتىنى ساغلام، ئەقەللىي يولغا يېتەكلەش كېرەك؛ جامائەت پىكرى بازىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي جامائەت پىكرى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، توغرا جامائەت پىكرىنى پائال قوللاپ، زىيانلىق جامائەت پىكرىنى قەتئىي توسۇش؛ ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىغا ئىسلاھات داۋامىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ئومۇمىيەتنى ئاڭلىق قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش؛ ئاخبارات – تەشۋىقات ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، مەيلى قىزىق نۇقتا مەسىلىسى ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشتا بولسۇن، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە پايدىلىق بولغان يۆنىلىشكە، پاسسىپ ئامىلنى تۈگىتىپ، ئاكتىپ ئامىلنى قوزغىتىشقا پايدىلىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ يېتەكلەش كېرەك.
ئومۇمەن، يېڭى تارىخىي پەللىدە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش، كۈچنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالماقتا. جان – دىل بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ھەرقانداق ئەھۋالدا توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشى، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىسەكلا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ روناق تاپقان، ئىناق، مۇقىم بولغان گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز.
|