باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بۇ يىل ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق تېرىش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىدۇ
2008- 04- 01 11:04 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – مارت تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىكى 29 – مارت، بۇ يىل مەركەز مالىيىسىنىڭ خام چوت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئۇنىۋېرسال بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى ئۈچۈن يەنە 15 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ كۆپەيتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، مەركەز مالىيىسى بۇ يىل ئورۇنلاشتۇرغان دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ 63 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىدىن، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق تېرىش تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 29 – مارت مۇنداق دېدى: كۆپەيتىلگەندىن كېيىنكى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئۇنىۋېرسال بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى ئارقىلىق، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق تېرىش تولۇقلىمىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، مەملىكەت بويىچە ھەر مو يەرگە بېرىلىدىغان ئوتتۇرىچە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسى بۇلتۇرقىدىن 23 يۈەن كۆپىيىپ 40 يۈەنگە يېتىدۇ.

     دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئۇنىۋېرسال بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى باھاسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشىغا كۆرسىتىدىغان چىقىمنى ئاشۇرۇۋېتىش تەسىرىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن كىرىمگە ئېرىشىشىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى.

     مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل بولدى. دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئۇنىۋېرسال بىۋاسىتە تولۇقلىما مەبلىغى ئەڭ كۆپ بولغان، شۇنداقلا مەبلەغ ئەڭ بالدۇر، ئەڭ تېز تارقىتىلغان بىر يىل بولدى. يېقىندىن بۇيان خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ باھاسى ئۆرلىدى، بۇ قىسمەن رايونلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، قار، يامغۇر، مۇز ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى باشلىدى، بۇ يىلقى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ئۇنىۋېرسال بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى سىياسىتىدە بۇ ئالاھىدە ئامىللار تولۇق ئويلىشىلدى. 
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ