باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئەمگەكچىلەر قانۇن ئۆگىنىپ، ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك
2008- 04- 01 11:41 شىنجاڭ گېزىتى

     چاغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەمچىلەرگە بولغان ئېھتىياج ئاشىدىغان مەزگىل باشلاندى. يېڭى ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى›› 1 – ئاينىڭ 1 –  كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىش ۋە گېزىتىمىزنىڭ ئاخبارات قىزىق لىنىيىسىگە ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، بەزى ئەمگەكچىلەر بۇ قانۇننىڭ مەزمۇنىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمەپتۇ، ھەتتا خاتا چۈشەنگەنلەرمۇ بار ئىكەن. مۇخبىر 20 – فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئىزاھات بېرىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق  –  مەنپەئىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى.

     سوئال: بەزى دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشلىگەن ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەندىن كېيىن، يەنە يېنىمىزدىن پۇل چىقىرىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا پۇل تاپشۇرىدىكەنمىز، بۇنداق قىلساق گۇڭ كۆتەرمەيدىكەن، ئۇنىڭدىن كۆرە توختام تۈزمىسەك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تېجەپ قالىدىكەنمىز، دەپ قارىماقتا، بۇنداق قاراش توغرىمۇ؟

     جاۋاب:  بۇنداق قاراشنى تۈزىتىش كېرەك. چۈنكى  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرغانلار قانۇندا بېكىتىلگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا توشقاندا ۋە پۇل تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلدىن ئاشقاندا، قانۇن بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ھەر ئايدا  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئالالايدۇ. سۇغۇرتىغا قانچە بۇرۇن قاتناشسا، كەلگۈسىدە شۇنچە كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ. ئەگەر ھازىر سۇغۇرتىغا قاتناشمىسا ياكى قاتناشسىمۇ ھەق تاپشۇرمىسا، كەلگۈسىدە پېنسىيە يېشىغا توشقاندىن كېيىن كۈتۈنۈش پۇلىدىن قۇرۇق قالىدۇ.

     ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەشكە ھۆكۈمەت مەسئۇل ،بۇ سۇغۇرتا  مەجبۇرلاش، ئۆزئارا  ياردەم بېرىش، خېيىمخەتىرى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كۈچلۈك ئارقا تېرەك بولىدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا شەخس ئازراق ھەق تاپشۇرسىلا بولىدۇ، زىيان تارتمايدۇ، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۆتسىلا نەپ ئالىدۇ.

     سوئال: ئەمگەك توختامى ئىمزالىماي ئىككى ھەسسە ئىش ھەققى ئالغىلى بولامدۇ؟

     جاۋاب: ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى››نىڭ 10 –  ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان ئىكەن، يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ،  ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر ئىشلىگەن كۈنىدىن باشلاپ  بىر ئايغىچە  ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.

     ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى››نىڭ 82 – ماددىسىدا : ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ بىر ئايدىن ئارتۇق، بىر يىلغا توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، ئەمگەكچىگە ئېيىغا ئىككى ھەسسىدىن ھېسابلاپ ئىش ھەققى بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

     ‹‹ئەمگەك توختامى ئىمزالىمايمۇ ئىككى ھەسسە ئىش ھەققى ئالغىلى بولامدۇ؟›› دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئەھۋالغا قاراش كېرەك. ئەگەر سەۋەب ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا بولۇپ،  ئەمگەكچى بىلەن ۋاقتىدا يازما ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ئايدا ئىككى ھەسسە ئىش ھەققى بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ كىشىنى ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭدىن يازما ئەمگەك توختامى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلغان، ئەمگەكچى  سەۋەب كۆرسىتىپ توختام ئىمزالاشنى خالىمىغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە ئايدا ئىككى ھەسسە ئىش ھەققى بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

     سوئال: ئىلگىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن توختام ئىمزالىمىغان بولسا، كېيىن توختام ئىمزالاشنى رەت قىلسا بولامدۇ؟

     جاۋاب: بولمايدۇ. ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى››نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن  ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان، ئەمما ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاقتىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمگەكچى بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئەمگەكچىمۇ قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى قوغداپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىشى كېرەك.

     ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى››نىڭ 82 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2008 – يىلى 1 – ئايدىن ئېتىبارەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ بىر ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىسا، ئەمگەكچىگە ئىككى ھەسسە ئىش ھەققى بېرىشى كېرەك. مۇبادا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچى بىلەن مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان بولسا، مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچىگە ئېيىغا ئىككى ھەسسىدىن ھېسابلاپ ئىش ھەققى بېرىشى كېرەك.  
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ