|
— يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش توغرىسىدا(1)
يېقىندا ئاياغلاشقان ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى بېكىتىلىپ، ‹‹بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش›› ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى يارىتىش ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز چوقۇم بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش، تېخىمۇ كەڭ تەپەككۇر، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدىكىلەرنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىسى، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدىكى ئاساسىي لىنىيە.
يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا ئالدى بىلەن بۇ بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ بايراق ئېڭىنى كۈچەيتىش، روھنى ئىگىلەش ۋە يۆنىلىشتە تەۋرەنمەسلىك كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بايرىقى بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان بايراق. تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدە ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇشتا بايراق دېگەن بۇ تۈپ مەسىلىدە ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش ھالقا؛ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ مېڭىسى سەگەك، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشتا بايراق دېگەن بۇ تۈپ مەسىلىدە مېڭىسى سەگەك، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش ھالقا.
ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈنۈملۈك نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئاستىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات، ئىناق تەرەققىيات كۈرەش نىشانى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭ−گ−وچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى ئىدىيە، نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا بۇ نەزەرىيە سىستېمىسى ئارقىلىق ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ‹‹بىر بايراق، بىر يول، بىر نەزەرىيە سىستېمىسى››نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيىنىڭ نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كەڭ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەتراپلىق، توغرا بولۇش، كەڭ، چوڭقۇر بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاممىۋىلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا ئىگىلىتىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھازىرقى جۇڭگودا ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى كىشىلەر قەلبىگە بارغانچە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ يېڭى نەزەرىيە ئارقىلىق يېڭى مەسىلىلەرنى تونۇشىغا، يېڭى روھ ئارقىلىق يېڭى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشىغا، يېڭى تەدبىر ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش، جايلار، تارماقلارنىڭ رېئال خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتەك ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەخسنىڭ ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇللارنى تىرىشىپ ئىگىلەش كېرەك؛ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى تەۋرەنمەس ئىرادىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدە چىڭ تۇرۇشتىكى تەۋرەنمەس ئېتىقادقا، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى ھەقىقىي ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئەتراپلىق ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىدىيىۋى قاراشلارنى كۈچەپ ئۆزگەرتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئاكتىپلىقىنى ئىلمىي تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئىدىيىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئۇلۇغ نەزەرىيە ئارقىلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۇلۇغ نەزەرىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە يېتەكلەش جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك، ‹‹بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەش، خەلققە خىزمەت قىلىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش›› ئومۇمىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي سەگەكلىكنى ئىزچىل ساقلاپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، سەمىمىي تۆھپە قوشىدىغانلا بولساق، يېڭى تارىخىي پەللىدە چوقۇم تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتالايمىز.
|