|
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ باغ –ئورمانغا ئۈششۈك تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، شىخەنزە، سانجى قاتارلىق جايلىرىدا بۇلتۇر دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 30 نەچچە يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇدا قار يېغىش، قەھرىتان سوغۇق بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 11 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ7 مىليون 29 مىڭ 500 مو باغ –ئورمىنى ئاپەتكە ئۇچراپ، ئومۇمىي كۆلەمنىڭ %54 ىنى ئىگىلىدى، 2 مىليارد 936 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلدى. ئالاقىدار خادىملار ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تېخنىكىلىق مۇلازىمەت قىلدى، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باغۋەنلەرنىڭ ئۈششۈك زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى زور كۈچ بىلەن تۆۋەنلەتتى.
بىرىنچى، جايلارغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئۈششۈك تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەتىيازلىق ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەكشۈرۈش –تەتقىق قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىدى. ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى، يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ھەم ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقارما، ئىشخانىلىرىدىكى غوللۇق كەسپىي كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن يەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ جايلارنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئۈششۈك تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەتىيازلىق ئورمانچىلىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىۋاتىدۇ.
ئىككىنچى، ئاپتونوم رايون مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئۈششۈك تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نەق مەيدان يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مېۋە كۆپ چىقىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيىدىكى تارماق مەسئۇللىرى ۋە ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى، قىسمەن يېزا –بازار رەھبەرلىرى ۋە مېۋە ئىشلەپ چىقىرىدىغان چوڭ ئائىلىلەر، باغ –ئورمان تېخنىكىسىدىكى باش، تايانچ مۇتەخەسسىسلەرنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى قىشتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، باغ –ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.
ئۈچىنچى، پەن –تېخنىكىدا تايانچلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇردى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ،‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزگىچە باغ –ئورمىنىغا ئۈششۈك تەگكەن رايونلىرىنى ئورمانچىلىق پەن –تېخنىكىسى بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەت يېنىكلىتىشتىكى تېخنىكىلىق تاقابىل تۇرۇش مۇھىم نۇقتىسى›› نى جىددىي تۈزەپ، كونكرېت تېخنىكىلىق تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈششۈك تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، باغ –ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇتەخەسسىسىنى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا باغ –ئورمانغا ئۈششۈك تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش تېخنىكىسى ۋە مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئۈششۈك تېگىشنى تەكشۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشقا تەشكىللەپ، ئاددىي، قۇلايلىق، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تېخنىكا تەدبىرلىرىنى ئورمانچىلىق تارمىقىدىكى تېخنىك خادىملار ۋە باغۋەنلەرگە ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى پائال قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئۈششۈككە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باغ –ئورمانچىلىقنىڭ بىخەتەر، ساغلام راۋاجلىنىشىغا ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئۈچۈن 62 مىليون يۈەن (بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون ئاجراتقان 30 مىليون يۈەنمۇ بار)توپلاپ، باغ –ئورمانغا ئۈششۈك تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلەتتى.
|