|
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 30 – مارت 5 – نۆۋەتلىك مائارىپ مۇپەتتىشلىرى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ تەپتىشلىكى تۈزۈمى مائارىپ ئىشلىرىدا ئورنىنى باسقۇسىز رول ئوينايدۇ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت(مەمۇرىي مەھكىمە)لەرنىڭ مائارىپ تەپتىشلىكى تارماقلىرى چوقۇم ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەت سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
نۇر بەكرى مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ زور ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى چوقۇم تولۇق تونۇپ، مائارىپ تەپتىشلىكى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك. مائارىپ تەپتىشلىكى تارماقلىرى مائارىپ مەمۇرىيىتى تەپتىشلىكى بىلەن مائارىپ تەپتىشلىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ، بولۇپمۇ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەپتىش قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى راۋاجلىنىشى ۋە مەكتەپ بىخەتەرلىكى، ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتى،‹‹قوش تىل›› دا ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يىغىندا 70 كىشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك مائارىپ مۇپەتتىشلىكىگە تەكلىپ قىلىندى، جىن نو باش مائارىپ مۇپەتتىشى بولدى.
|