باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ۋاڭ لېچۈەن خەينەن خەلق ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن فېڭ بىلەن كۆرۈشتى
2008- 03- 31 11:26 شىنجاڭ گېزىتى

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 30 – مارت كەچتە خەينەن خەلق ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن فېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

     چېن فېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 30 – مارت چۈشتە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەينەن خەلق ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى‹‹داشىنخۇا›› تېز ترانسپورت ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا تىجارەت باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقانىدى.

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: خەينەن خەلق ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىم غەربىي رايوندىكى تىجارەت بازىرىغا كىرىشى شىنجاڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنىڭ رىقابەت جەريانىدا راۋاجلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ،  شىنجاڭنىڭ ھاۋا ترانسپورت تورىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاش، دۆلەتنىڭ غەربىي رايون ئاۋىئاتسىيە تۈگۈنىنى قۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا داۋاملىق كۈچەپ، خەينەن خەلق ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدا زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە مەدەت بېرىمىز.

     چېڭ فېڭ  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ  خەينەن خەلق ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل گۇرۇھىمىز قارىمىقىدىكى‹‹داشىنخۇا›› تېز ترانسپورت ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دەسلەپكى باسقۇچتا مەملىكىتىمىز بىلەن برازىلىيە ھەمكارلىشىپ ياسىغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار تارماق لىنىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بىرى بولغان‹‹ERJi45››بەلگىلىك رېئاكتىپ  يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ تىجارەت باشلىدى، يىل ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا بۇنداق ئايروپىلاندىن يەنە بەشنى ئىشلەتمەكچى،  گۇرۇھىمىز يەنە ئۈرۈمچىدە زامانىۋى بازا قۇرۇشنى پىلانلىدى.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ياڭ گاڭ، سۇڭ ئەيرۇڭ، دەي گۇڭشىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ