|
—‹‹ئاپتونومرايوننىڭ‹ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى› نى يولغا قويۇش چارىسى››نى يەشمە
مۇخبىرىمىزجىنچۈەن
پۇقرالار بۇ يىل 1 – مايدىن باشلاپ كۆپ ساندىكى ھۆكۈمەت ‹‹قىزىلباش ھۆججىتى››نى ھەرقاچان كۆرەلەيدىغان بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم ھۆكۈمەت تارمىقى تارقاتقان ‹‹قىزىلباش ھۆججەت››نى تاپماقچى بولسىڭىز، شۇ تارماقنىڭ تور بېتىگە كىرىپ ياكى كۇتۇپخانا، قىرائەتخانىلارغا بېرىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېرەكلىك ھۆججەتنى تاپالمىسىڭىز، يەنە بۇ تارماقتىن ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ يىل 1 – مايدىن تارتىپ يولغا قويۇلىدىغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ‹ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامى› نى يولغا قويۇش چارىسى››)تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يولغا قۇيۇش چارىسى›› دەپ ئېلىنىدۇ( ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئاشكارا بولىدىغانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
14 – مارت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن – تۈزۈم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى ۋېينى زىيارەت قىلىپ، ئۇنى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يولغا قۇيۇش چارىسى››نى يېشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم.
ھوقۇق ئاشكارا يۈرگۈزۈلىدىغان قىلىنىدۇ
گوۋۇيۈەن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش نىزامى››نى 2007 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ يولغا قويۇلغىچە بولغان تەييارلىق ۋاقتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتتى. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان بۇ ئەھۋال بۇ مەمۇرىي نىزامىنىڭ مۇھىملىقىنى تۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. لى ۋېينىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ نىزام مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى ئىنقىلاپ ، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قويۇلغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹نىزام››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېقىندىن ئەھمىيەت بەردى. لى ۋېي بۇ ھەقتىكى مۇنداق ئىككى تەپسىلاتنى ئاشكارىلىدى: بىرى، ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان ئىكەن؛ ئىككىنچىسى، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹نىزام›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىدا ئۆلكە دەرىجىلىك قائىدىنى تۈزگەن جاي ئىكەن. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
لى ۋېي مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى چوڭ ئىلگىرىلەش. يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكىتىمىزدىكى باشقا جايلارغا ئوخشاش، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ئاساسىي قاتلامدىكى كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشتىن باشلىنىپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ ۋە كېڭەيتىلىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشقا تېخى قانۇنىي جەھەتتىن ئېنىق تەلەپ قويۇلمىغان ئىدى. ‹‹نىزام›› ۋە ‹‹يولغا قۇيۇش چارىسى››نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قۇيۇلۇشى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ قانۇنلىشىش ئىزىغا سېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى .
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ 17 – قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا ‹‹ھوقۇقنىڭ توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھوقۇقنى چوقۇم ئاشكارا يۈرگۈزۈلىدىغان قىلىش كېرەك››دېگەن ئىدى، بۇ، ‹‹نىزام›› ۋە ‹‹يولغا قۇيۇش چارىسى›› نىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى .
ئاشكارىلاش پرىنسىپ قىلىنىدۇ، ئاشكارىلانمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا
ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يولغا قۇيۇش چارىسى››دە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ قايسى ئىشلارنى نۇقتىلىق ئېلان قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ سەھىپە ئاجرىتىلغانلىقى ۋە تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. لى ۋېي چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يانداشما چارە بولغان ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››دا ‹‹نىزام››بىلەن بولغان بىردەكلىك قەتئىي ساقلاندى، مەشغۇلاتقا ئەپلىك بولۇش، ئۆز ئارا ئىتتىرىش، دۆڭگەپ قويۇش، قۇرۇق تالاش – تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىش شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىشىغا پايدىلىق، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
نۇقتىلىق ئېلان قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بەلگىلەنگەنلىكى بۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى ھۆكۈمەت ئاشكارىلىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇ ھەقتە لى ۋېي مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشتا ئاشكارىلاشنى پرىنسىپ قىلىش، ئاشكارىلانمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا بولوشقا ئەمەل قىلىش كېرەك. يەنى دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدىن باشقا ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارىلاش كېرەك.
‹‹يولغا قۇيۇش چارىسى›› بويىچە، ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار، بىرى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش، يەنى ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، قىرائەتخانا ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش؛ يەنە بىرى، قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشنى ئىلتىماس قىلىش، يەنى مەمۇرىي ئورگانلار پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن باشقا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش. بۇ جەرياندا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ زۆرۈر بولغان ئۇچۇر تەكشۈرۈش، كۆپەيتىش، پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىقلارغا تەننەرخ ھەققى ئالغاندىن سىرت باشقا ھەر قانداق ھەق ئېلىشىغا بولمايدۇ.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈزۈملەشتۈرۈلىدۇ
ھازىرقى جەمئىيەتتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇچۇر توپلاش، تارقىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ‹‹يولغا قۇيۇش چارىسى››دا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشتىكى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە تۈزۈلدى. ‹‹يولغا قۇيۇش چارىسى››نىڭ 39 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: مەمۇرىي ئورگانلار ئاخبارات ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارا خەۋەر قىلىشقا بولىدىغان ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشى، مەلۇم باسقۇچلۇق ياكى مەلۇم مەزگىللىك خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ۋە قوللانماقچى بولغان ئاساسلىق تەدبىرلەرنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئېغىر يۇقۇم، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تاسادىپىي ۋەقە قاتارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى، تەرەققىياتى، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ۋاقتىدا، توغرا ئېلان قىلىشى كېرەك.
2004 – يىلى، گوۋۇيۈەن ‹‹مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تىزىسى››نى تارقىتىپ، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 10 يىل تىرىشىش ئارقىلىق قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش نىشانىغا ئاساسىي جەھەتتىن يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹نىزام›› ۋە ‹‹يولغا قۇيۇش چارىسى››نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قۇيۇلۇشى مۇشۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم، ئۇ ‹‹ئاساسىي قانۇن››دىكى ‹‹بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ›› دېگەن تەلەپنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. زۇڭلى ۋېن جياباۋ 18 – مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېيتقاندەك، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاشكارا ئىشلەش ئاشكارا، ئوچۇق بولۇشقا موھتاج. ھۆكۈمەت ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئىلگىرىلىيەلەيدۇ؛ خەلق ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ھۆكۈمەتكە كۈچلۈك مەدەت ۋە مۇۋاپىق تەنقىد بېرەلەيدۇ.
|