باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشكىلات سىستېمىسىدىكى 2007 – يىللىق ‹‹پارتىيە رازى، خەلق رازى›› ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار
2008- 03- 27 10:39 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى 2007 – يىلى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىكىدە ‹‹پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش››نى چۆرىدىگەن ھالدا كۈچەپ ئىناق تەشكىلات تارماقلىرى بەرپا قىلىپ، ‹‹ئون تۈرلۈك خىزمەت››نى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىككىنى رازى قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئىلغارلىق تەربىيىسى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇرۇلۇش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم  ‹‹پارتىيە رازى، خەلق رازى›› ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئالتاي ۋىلايەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق 23 ئىلغار كوللېكتىپ، جاۋ يۈمىن قاتارلىق 78 ئىلغار شەخسنى تەقدىرلەشنى قارار قىلدى.

     بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى. ئۇلار راستچىل، ئەمەلىيەتچىل ۋە تىرىشچان بولۇپ، كەسپىنى قەدىرلەپ، ئادىل، دۇرۇس، چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ماھىر، پاك، سادىق، لىللا بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش، ئىتتىپاقلىق – ئىناقلىقنى قەدىرلەش، باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشتەك ياخشى ئوبراز تىكلىدى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنىڭ مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، يەنىمۇ تىرىشىپ يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات بۆلۈمى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرىنى تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەردىن ئۆگىنىپ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر  ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە؛ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بويىچە ئاپتونوم  رايوننىڭ تەشكىلات سىستېمىسىدا ‹‹پارتىيىۋىلىككە، ئەخلاق – پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە  ئۈلگە بولۇشقا؛ تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلەش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەشكە؛ ‹‹ئىككىنى رازى قىلىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە قاتتىق›› بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ مۇلازىمەت››نى كۈچەيتىپ، ‹‹سەمىمىي، ئىشەنچلىك، تەلەپچان، ھۆرمەتكە سازاۋەر›› بولۇش يېڭى ئوبرازىنى تىكلەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلىتىپ، تەشكىلات خىزمىتىنى پارتىيە ۋە خەلق تېخىمۇ رازى بولىدىغان خىزمەتكە ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى.

     ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى

      2008 – يىل 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ