باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتەيلى
2008- 03- 27 10:21 شىنجاڭ گېزىتى

     قۇياش نۇر چېچىپ، جاھان ئىللىغان مارت ئېيىدا ئاپتونوم رايون تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى ئاچتى.

     بۇ قېتىمقى يىغىن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي پەللىدە ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چاقىرغان ئومۇمىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە مۇھىم يىغىن، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەپ، يېڭى نىشان، يېڭى تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى ئۈمىد، يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى پەللىدە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىدىغان مۇھىم يىغىن.

     يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، بەش يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىدە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە تەھلىل قىلىندى ھەم يېڭى تارىخىي پەللىدە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى مۇپەسسەل شەرھلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدە ‹‹بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش››ئومۇمىي تەلىپىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇش، تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش، تېخىمۇ كەڭ نەزەر، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قۇدرەتلىك ئىدىيە كاپالىتى، جامائەت پىكرى مەدىتى، مەدەنىيەت شارائىتى ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز چوقۇم ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

   تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، پارتىيىنىڭ ئىستىقبال تەقدىرىگە، دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىقىغا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونىمىزدا تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسى بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››بىلەن بولغان كۈرىشىمىزدىكى مۇھىم بازا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت بەرپا قىلىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. ھازىر بىز يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىمىز، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئومۇمىيەتنى چۆرىدەشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە، ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي كەيپىياتنى يېتەكلەش ۋە يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا باشقۇرۇشنى، بىر قولدا گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇپ، ئاساسىي مېلودىيىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ھەر تەرەپلىمە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان چوڭ تاشقى تەشۋىقات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك؛ پارتىيىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى چوقۇم كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

     بۇ قېتىمقى يىغىن بىزگە ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇنى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە تۈرلۈك ۋەزىپىلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بىز چوقۇم تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىنى، قەيسىرانە ئالغا ئىلگىرىلەش مەنىۋى كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىمىز؛ ئاساسىي ئېقىم ئىدىيىسىدىكى جامائەت پىكرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كەيپىيات يارىتىشىمىز؛ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇل خىزمەتنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات، ئىدىيە بازىسىنى  پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى قۇدرەتلىك ئىدىيە كاپالىتى، جامائەت پىكرى مەدىتى، مەدەنىيەت شارائىتى ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

    بىز چوقۇم تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تارىخىي پەللىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ