باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
دالاي گۇرۇھى زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىكى جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ
2008- 03- 25 10:53 شىنجاڭ گېزىتى

     لاسادا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان دالاي گۇرۇھى بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىكى جاۋابكارلىقىدىن ئۆزىنى تارتىشقا ئۇرۇندى. ۋەھالەنكى، تارىخ ۋە ئەمەلىيەت، بولۇپمۇ ‹‹14 –مارت›› زوراۋانلىق ھەرىكىتى دالاي گۇرۇھىنىڭ ‹‹تىنچلىق يولىدا مېڭىش، زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەسلىك›› ئالدامچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىر قاتار ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، دالاينى داھىي قىلىۋالغان ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› قاتارلىق تەشكىلاتلار چېگرا ئىچىدىكىلەر بىلەن تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ، چېگرا ئىچىدىكىلەرگە توختىماي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋىرى يوق ئاممىنى ‹‹ھەرىكەتكە كېلىش››كە قۇتراتتى.

     1996 – يىلى دالاي تۆت قېتىم ‹‹كالاكاكرا ئەبىشېكە دارما مۇراسىمى›› نى ئۆتكۈزۈپ، بۇددا دىنىنىڭ ياخشىلىقنى ئەلا بىلىدىغانلىقىدەك پەندى – نەسىھىتىگە پەرۋا قىلماي، دارما مۇراسىمىدا مەركىزىي ھۆكۈمەتكە كەلسە - كەلمەس تىل تەگكۈزۈپ، ھەر خىل پىتنە - ئىغۋالارنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قوزغاپ، ‹‹كالاكاكرا ئەبىشېكە دارما مۇراسىمى›› نى سىياسىي يىغىلىشقا ئايلاندۇردى.

     1997 – يىلى 5 – ئايدا دالاي ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىدە ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان زاڭزۇلارغا سۆز قىلغاندا، ئۇلارنى قۇرۇق دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، شوئار توۋلىماستىن،  ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشكە، ئامال تېپىشقا كۈشكۈرتتى.

     1997 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى دالاي ھىندىستاننىڭ دارامسالادا ‹‹سەرگەردان ھۆكۈمەت›› قارىمىقىدىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە زاڭزۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇلارنى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە ئىشەنچنى يوقاتماسلىققا، ئېتىقادتىن تەۋرىنىپ قالماسلىققا ۋە ئىرادىلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. 

     جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى شىزاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لادا ئاۋاڭدەنزېڭ گېگەن مۇنداق دېدى: دالاي دىنىي جەھەتتىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم راھىبلارنى قايمۇقتۇرۇپ ۋە ئۆزىگە قارىتىپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ چېگرا ئىچىدە ھەر خىل ۋەقەلەرنى تۇغدۇردى. ئۇنىڭ قىلمىشى نورمال دىنىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغاندىن سىرت، بۇددا دىنىنىڭ دىن ئەقىدىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپتۇر.

     گۈزەل ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان قارلىق ئېگىزلىك مەيلى قانداق مۇشەققەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرسۇن، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى باسقۇچغا قەدەم قويىدىغانلىقىنى توسالمايدۇ. شىزاڭ خەلقى بۇ قېتىم لاسادا يۈز بەرگەن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقەسىدىن دالاينىڭ ۋەتەننى پارچىلاش نىيىتىنى ئېنىق بىلدى. دالاي ياكى ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ‹‹تىنچلىق يولىدا مېڭىش، زورلۇق كۈچ ئىشلەتمەسلىك›› نىقابى بىلەن ئۆزىنى قانچىلىك يوشۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىش، ۋەتەننى پارچىلاش قىلمىشى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ