باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى قاتتىق سوغۇق بولىدىغان نامرات دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى نوقتىلىق يۆلەيدۇ
2008- 03- 24 13:16 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدە دائىرىنى قىسقارتىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، ئوبلاست، چېگرىدىكى نامرات دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە قاتتىق سوغۇق بولىدىغان نامرات دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى نوقتىلىق يۆلەيدۇ.
       ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت ، ئوبلاستتا ، مىڭ كەنتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش، نامرات دېھقان، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش، چېگرىدا نامراتلارنى يۆلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش تۈرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويىدۇ، نامراتلارنى يۆلەش بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، ئوبلاستتا ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى، ئاممىۋىي مۇئەسسەسەلەر ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يۆلەك بولىدىغان كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق،  چېگرىدىكى نامرات دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى روناق تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز 3 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چېگرىدىكى نوقتىلىق يۆلىنىلىدىغان 436 كەنتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇدۇ. قاتتىق سوغ بولىدىغان تاغلىق رايونلاردىكى نامرات دېھقان، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش جەريانىدا، مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىدۇ؛ تەبىئىي مۇھىتى ئىنتايىن ناچار، ئادەم ياشىيالمايديغان رايونلاردا، نامراتلارنى يۆلەش، كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە نامراتلارنى يۆلەپ بېيىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ 3 نوقتىلىق رايوندا نامراتلارنى يۆلەپ، روناق تاپقۇزۇشتا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇيۇنۇش، كېيىنىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىدۇ.


 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ