|
‹‹خەلق›› گېزىتى ئوبزورچىسى
14– مارت شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرىدە ئىنتايىن ئاز ساندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانلىشى بىلەن قەستەن جېدەل چىقىرىپ، بىر مەيدان ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقەسىنى قوزغىدى. ئىنتايىن ئاز ساندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۇرۇپ، چېقىپ، بۇلاپ، ئوت قويۇپ، 18 بىگۇناھ ئاممىنى كۆيدۈردى، چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، 382 ئاممىنى يارىلاندۇردى؛ قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىدىن ۋە ج خ خەلق ساقچىسىدىن 23 نى ئېغىر يارىلاندۇردى، ئۇلاردىن بىرى قۇربان بولدى؛ بەزى مەكتەپ، دوختۇرخانا، بانكا، ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورون بولۇپ جەمئىي 30 ئىمارەت ۋە 100 نەچچە ئائىلىنىڭ تۇرالغۇسىغا ئوت قويۇۋەتتى؛ 420 نەچچە دۇكاننى، 80 نەچچە ساقچى ماشىنىسى ۋە ئادەتتىكى ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسىنىڭ قەبىھلىكى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقى ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنى ناھايىتى زور زىيانغا ئۇچراتتى، لاسا شەھىرىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت ئاممىسىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېزدىن قانۇن بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، بۇ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش زوراۋانلىق ۋەقەسىنى كەسكىن تىنچىتتى. بۇ ھەققانىي ھەرىكەتتە سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى قوغدىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق كۈچلۈك ساقلىنىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايىسى، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ھەققانىي كۈچلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشى قولغا كەلتۈرۈلدى.
ئىشەنچلىك دەلىل – ئىسپاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش زوراۋانلىق ۋەقەسىنى چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرى قەستەن تۇغدۇرغان، دالاي گۇرۇھى تەشكىللىك، مەقسەتلىك، ئەستايىدىل پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىھ مەقسىتى −− بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ كىشىلەر قەلبىنى چىگىشلەشتۈرۈشكە، جەمئىيەتنى مالىمانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئېلىمىزنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ، شىزاڭنى ۋەتەن قوينىدىن بۆلۈپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش زوراۋانلىق ۋەقەسى دالاي گۇرۇھىنىڭ تەرغىپ قىلىۋاتقان‹‹زوراۋانلىق قىلماسلىق››،‹‹تىنچ سۆزلىشىش›› دېگەنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ساختا ئىكەنلىكىنى،‹‹مۇستەقىللىققا ئىنتىلمەسلىك››،‹‹شىزاڭ خەلقىگە كۆڭۈل بۆلۈش›› دېگەنلىرىنىڭ ھەقىقىي ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ساختىپەزلىك پاكىتنى ياپالمايدۇ. دالاي گۇرۇھى ئەستايىدىل پىلانلىغان بۇ قېتىمقى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش زوراۋانلىق ۋەقەسى ئۇنىڭ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››غا جاھىللارچە ئىنتىلىدىغان ھەقىقىي قىياپىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. بىز‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ قەبىھ مەقسىتىنى تولۇق ھەم ئېنىق تونۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ سۇيىقەستى، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي تارمار قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى ساقلاش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش — ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بولمىسا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرمۇ قولدىن كېتىدۇ. شىزاڭنىڭ تارىخى ۋە ئەمەلىيىتى شۇنى مۇنازىرىسىز ئىسپاتلىدىكى، مۇقىملىق بولمىسا تەرەققىياتمۇ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمىغان بولاتتى. ھەرقانداق كۈچ، ھەرقانداق كىشىنىڭ شىزاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.
سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، خەلق دېموكراتىيىسىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ئىش قىلىشتا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق بويسۇنغاندىلا، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا دېموكراتىيە، ھوقۇق دېگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئامما ۋە جەمئىيەت ئاپەت ئىچىدە قالىدۇ. بىز چوقۇم سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمنىڭ بىرلىكلىكى، ئىززەت – ئابرۇيى، نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى — پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمنى قوغداش تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشتا دەل ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلىقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، نەچچە ئون يىل قۇرۇلۇش قىلىشى ۋە شىزاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئارقىسىدا شىزاڭ تارىختا تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرماقتا. تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش شىزاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا بۇ شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۆلگۈنچىلىك كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، شىزاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21مارت تېلېگراممىسى)
|