باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
سۇچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايلى
2008- 03- 24 11:35 شىنجاڭ گېزىتى

 2008 –يىللىق‹‹دۇنيا سۇ كۈنى››ۋە‹‹جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكىنى›› خاتىرىلەيمىز

ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئوسمان ساۋۇت، نازىر ۋاڭشىجياڭ

     بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 22 – كۈنى 16 – قېتىملىق ‹‹دۇنيا سۇ كۈنى››، شۇنداقلا 21 – قېتىملىق ‹‹جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى››نىڭ بىرىنچى كۈنى، بۇ يىللىق خاتىرىلەش تېمىسى ‹‹سۇچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش››.

     سۇ بايلىقى ئاساس خاراكتېرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي بايلىق، شۇنداقلا ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنىڭ كونتروللىغۇچ ئامىلى. سۇچىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ھەم ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. سۇچىلىق بىلەن خەلق تۇرمۇشى زىچ مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سۇچىلىق خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ يېقىندا خۇەيخې دەرياسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ھەر ۋاقىت بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىمۇ سۇچىلىق خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، سۇچىلىقنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان رولنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. سۇچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ھەم مۇھىم تاپشۇرۇقى بولۇپ، ھەرمىللەت دېھقان، چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت  بەرپا قىلىش بىلەن ئايرىلالمايدۇ.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش سېلىنمىسى زور كۆلەمدە ئېشىپ، سۇچىلىق تەرەققىياتى تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىرىپ، گەۋدىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلغان تۈرلۈك سۇ ئامبىرى  485 ، ئۆستەڭ 320 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يىللىق باشلانغان يەر ئۈستى سۈيى تەخمىنەن 48  مىليارد كۇب مېتىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇغىرىش كۆلىمى ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىكى 16 مىليون مودىن كېڭىيىپ، ھازىر 71 مىليون موغا يەتتى. سۈنئىي بوستانلىق 1949 –  يىلىدىكى 17 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن كېڭىيىپ، 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەككە يەتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، جەمئىي81.4  كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆلچەملەشكەن مەڭگۈلۈك توغان ياسالدى، 500 كىلومېتىردىن ئارتۇق توغان رېمونت قىلىنىپ مۇستەھكەملەندى، بۇنىڭ بىلەن 12 شەھەر، 1 مىليون 180 مىڭ نوپۇس، 4 مىليون 280 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر ۋە بىر تۈركۈم دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى كەلكۈن تەھدىتىدىن قۇتۇلۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئاپەتنى ئازايتىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى 24 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا جىددىي ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبە قۇرۇلۇشى قۇرۇلدى، يېڭىدىن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش توك قۇدۇقىدىن 1000 ى قېزىلدى، 20 مىڭغا يېقىن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش توك قۇدۇقى رېمونت قىلىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. جەمئىي 2 مىليون 973 مىڭ توننا ئاشلىق، 7 مىليارد 710 مىليون يۈەن قىممەتتىكى ئىقتىسادىي زىرائەت زىياندىن ساقلاپ قېلىنىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئومۇمىي ئۈنۈمى 10 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى. 1999–  يىلىدىن 2007 –  يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 102 سۇ ئامبىرى دۆلەتنىڭ خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇ سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپەيگەن تەمىنلىنىدىغان سۇ مىقدارى 623 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەر تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىنىپ، بىخەتەر يۈرۈشۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، ئۈنۈمى نورمال جارى قىلدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئېتىز –  ئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 5 مىليارد 970 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 130 مىڭ كىلومېتىر ئۆستەڭ سىڭمەسلەشتۈرۈلۈپ، تېجەشلىك سۇغىرىش كۆلىمى 30مىليون موغا يېتىپ، ئومۇمىي سۇغىرىش كۆلىمىنىڭ %45 ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېتىزلارنى پۈركۈپ سۇغىرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش كۆلىمى 11 مىليون مو، ساپسىز سۇغىرىش نورمىسى ‹‹9 – بەش يىل›› نىڭ ئاخىرىدىكى ھەر مو يەرنىڭ 746 كۇب مېتىردىن تۆۋەنلەپ ھازىر 680 كۇب مېتىرغا تۆۋەنلىدى. يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا باشلانغان سۇ مىقدارى ئاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليون 610 مىڭ مو سۇغىرىش كۆلىمى يېڭىدىن كۆپىيىپ، 10 مىليون مودىن ئارتۇق سۇغىرىش كۆلىمى ياخشىلىنىپ، 2 مىليون 860 مىڭ مو شورلۇق يەر ئۆزگەرتىلدى، 5 مىليون 740 مىڭ مو ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىز ئۆزگەرتىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 2 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تۈرلۈك سۇ زاۋۇتلىرىدىن 3151 ى ياسالدى، 71 مىڭ 500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە 6 مىليون 330 مىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يېتىپ، يېزا نوپۇسى ئومۇمىي سانىنىڭ 
%56.7  ىنى ئىگىلىدى. سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

   پارتىيە 17– قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋردىكى سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققياتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق خىزمىتىدە پارتىيە 17– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ 32 – نومۇرلۇق ھۆججىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – نۆۋەتلىك 5 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ نازىر، ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي سۇچىلىق ئېھتىياجىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۇچىلىق مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھەل قىلىپ، خەلقنى بېيىتىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان سۇچىلىق تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى سۇچىلىقتا ھەقىقىي ئۈنۈمنى  قولغا كەلتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنىڭ سۇچىلىق تەرەققىيات، ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.

    كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال –  مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى خاتىرجەم، ئىناق بولغان سۇ مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تاشقىندىن مۇداپىئەلىنىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، دەريالاردىكى توسالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلاش، توغاننى مۇستەھكەملەش ۋە كەلكۈندىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، تەڭشەش، خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ماشىنىلىرى ۋە ماددىي ئەشيا زاپىسى قاتارلىق تۈرلۈك دائىملىق تەدبىرلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش لازىم. تۈرلۈك قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئاپەتنى ئازايتىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقاچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشتىكى نۇقتىلىق ئىنشائات قۇرۇلۇشى ۋە تاغ كەلكۈن ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش – تىزگىنلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشتىكى نۇقتىلىق، جىددىي ئىنشائاتىنى قۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. 2010 – يىلىدىن ئىلگىرى پىلاندا 40 جىددىي ئېھتىياجنى قامدايدىغان كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىنشائاتىنى قۇرۇلۇشى تورىنى تاماملاپ، 140 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا مەڭگۈلۈك توغان ياساپ، 28 دەريا، 40 شەھەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجنى قامدايدىغان خەتەرلىك بۆلەكلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، 3 مىليونغا يېقىن نوپۇس، 12 مىليون مو تېرىلغۇ يەر ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى كەلكۈننىڭ تەھدىتىدىن قۇتقۇزۇلىدۇ. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك سىستېمىلار باشقۇرىدىغان 148 خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، خەلق ئۈچۈن قىلىنىدىغان بۇ ئىشنى ياخشى ئىشلەش لازىم.

    يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پىلاننى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماناس ناھىيىسى، كورلا شەھىرى، ئاتۇش شەھىرىدە قۇرۇلۇش قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، يۈرگۈزۈش مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، نۇقتا ئارقىلىق كۆلەمنى يېتەكلەش كېرەك؛ سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنشائات قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇزاق مەزگىللىك ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 2008 – يىلى پىلاندا يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا 270 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 600 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. ‹‹11 – بەش يىل››دا يۇقىرى فتورلۇق، يۇقىرى ئارسىنلىق سۇ، تۇزلۇق سۇ، بۇلغانغان سۇ قاتارلىق ئىچىدىغان سۈيىنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە توشماسلىق مەسىلىسى ھەمدە قىسمەن پەسىل خاراكتېرلىك ئىچىدىغان سۈيى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىپ، 3 مىليون 70 مىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى بىخەتەر بولىدۇ. شەھەرلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ ئىنشائاتىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش جەھەتتە، شەھەرلەردە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىپ قايتا پايدىلىنىش ۋە ئارىلىقتىكى سۇدىن قايتا پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتىگە بولغان قوغداشنى كۈچەيتىپ، قوغداش رايونىنى ئايرىپ بېكىتىپ، سۇ مەنبەسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەھەرلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ھەقىقىي سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مۇقىم بولغان سۇ بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، نۇقتىلىق سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تارىم دەريا ۋادىسىنى يېقىنقى مەزگىللىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىدا تاماملانغان تۈر زاپىسىنى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئاشۇرۇپ، تاماملانغان قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى 1 مىليارد 200 مىليوندىن ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنشائات قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، ۋادى دائىرىسىدە سۇ بايلقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارىم دەريا ۋادىسىدا سۇ ھوقۇقى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ۋادى سۇ مىقدارىنى تەڭشەشنى يىراقتىن كۆزىتىپ كونترول قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا تىرىشىپ، ۋادىدا ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش ۋە نورمىغا چەك قويۇپ، باشقۇرۇش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تارىم دەريا ۋادىسىنى يېقىنقى مەزگىللىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. غەربنىڭ سۈيىنى شەرققە باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹500 ›› سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى شەرققە ئۇزارتىپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ 1 –  قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بۇ يىل 10 –  ئايدا سۇ باشلاش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىلى دەريا ۋادىسىنى ئېچىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، سۇ تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتى ھەم تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ سۇ تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت بەرپا قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى سىناق نۇقتا قىلىنغان ئالتە ناھىيە، شەھەردە سۇ تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق كۆلەمنى يېتەكلەپ، پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئومۇمىي ئىشىتىلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ %96ىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىقتا سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ %98 ىنى تەشكىل قىلىدۇ، شۇڭا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلغان سۇ تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى زور. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆستەڭلەرنى سىڭمەسلەشتۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىش، شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مېۋىچىلىك بازىسى قۇرۇلۇشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش، تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبا ئارقىلىق سۇغىرىش قاتارلىق ئېتىزلار ئارا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش يېڭى تېخنىكىلىرىنى پائال نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. سۇ تېجەشتە ھوسۇللۇق توك قۇدۇقى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، يەر ئاستى سۈيىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تەكرار تېرىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، بىر ئېڭىزلىق زىرائەتلەرنى ئىككى ئېڭىزلىق زىرائەتكە ئۆزگەرتىپ، يەككە زىرائەت تېرىقچىلىقىنى كۆپ خىل زىرائەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تېرىشقا ئۆزگەرتىپ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىقنى ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىمالىي شىنجاڭدىكى دەريا ۋادىلىرىدا ئۆستەڭ سىستېمىلىرىنى سىڭمەسلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئېتىزلار ئارا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى كونترول قىلىش، نورمىلىق باشقۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشى قەدىمىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي بەلبېغىدىكى رايونلار ۋە شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا پۈركۈپ سۇغىرىش، تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق ئېتىزلار ئارا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشىنى داۋاملىق زورايتىپ، لازىر نۇرلۇق  يەر تۈزلەش، تاقاق باشقۇرۇپ سۇغىرىش، يوپۇق يېپىش قاتارلىق ئىلغار، ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان يەر يۈزىدىن سۇغىرىش تېخنىكىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشنى بىر يېڭى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىش كېرەك.

     ھەر دەرىجىلىك سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى خەلق تۇرمۇشىدا سۇچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى سۇچىلىقنى سۇچىلىق تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ گەۋدىلىك ئورنىغا ۋە ئالدىنقى ساھەسىگە قويۇشى كېرەك. سۇچىلىق سىستېمىسىدىكى كادىر، ئىشچى − خىزمەتچىلەر تېخىمۇ قىزغىن خىزمەت ھالىتى، تېخىمۇ كونكرېت، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىستىلى بىلەن، خەلق تۇرمۇشىدىكى سۇچىلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلغان سۇچىلىق خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ