باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
شاڭخەي–ئۈرۈمچى يېڭى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئېچىلدى
2008- 03- 21 10:37 شىنجاڭ گېزىتى

      شاڭخەي ‹‹چۈنچيۇ››ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن شاڭخەي شەھىرىنىڭ ساياھەت ۋە ئىقتىسادىي  ئالاقىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ‹‹شاڭخەي خۇڭچياۋ– ئۈرۈمچى››ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى  تەسىس قىلدى. بۇ لىنىيە 30 – مارتتىن باشلاپ ئىشقا كىرىشىدۇ.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ لىنىيە بىخەتەر، قۇلايلىق بولۇش بىلەن بىللە، يەنە باھادا ئېتىبار بېرىشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەن. ‹‹چۈنچيۇ››ئاۋىئاتسىيىسى ‹‹شاڭخەي خۇڭچياۋ – ئۈرۈمچى››لىنىيىسىنىڭ ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئىشقا كىرىشكەن دەسلەپكى مەزگىلدە 399 يۈەن، ئادەتتە 599 يۈەن (ئايروپورت قۇرۇلۇش ھەققى بىلەن يېقىلغۇ پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)ئىكەن. يولۇچىلار www.china_sss.com تورىغا كىرىپ ياكى  يان تېلېفون ئارقىلىق بىۋاسىتە بېلەت سېتىۋالسا بولىدىكەن. 
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ