|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 20– مارت كەچتە پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سالمان بەشىر باشچىلىقىدىكى پاكىستاننىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
نۇر بەكرى باش ئەلچى ئەپەندىنىڭ ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىستان جۇڭگونىڭ دوست قوشنىسى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن دوستلۇقىمىز كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ، شۇنداقلا تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستان چېگرىداش بولۇپ، قونجىراپ پورتى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئەڭ بۇرۇن 3 – دۆلەتكە ئېچىۋېتىلگەن قۇرۇقلۇق پورتى، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد –سودا، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىسىنى قۇلاي يول بىلەن تەمىنلىدى. 2007 – يىلى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 400 مىليون دوللاردىن ئاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد – سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. پاكىستاننىڭ كارخانا، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كېلىپ سۆزلىشىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سالمان بەشىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىساد – سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ۋە ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن دوستلۇقىمىزنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىغا، ھەمكارلىق ساھەسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
|