|
دۆلەت دىنئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق دېدى:
ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىن باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشتىكى تەجرىبىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك‹‹ئىككى يىغىن›› نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، دىننى ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن دوكلات بېرىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئاساسىي قاتلام دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىدىيىۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، رايون، تارماقلارئارا ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە دىن خىزمىتىنى ئورتاق تىرىشىپ ياخشى ئىشلەشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتىپتۇ.
جياڭ جيەنيۇڭ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما كۆپ، دىن خىزمىتىنىڭ سالمىقى ئېغىر. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيىنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹دىن ئىشلىرى نىزامى›› نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
شەۋكەت ئىمىن جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن پارتىيىنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دائىر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
جياڭ جيەنيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 16 – مارتتىن 18– مارتقىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، بەزى ئىدارىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى يوقلىدى.
|