|
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تاشيول، مائارىپ، داۋالاش ساھەلىرىدىكى كەلسە–كەلمەس ھەق ئېلىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپ–پىكىرلىرى
1 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان تاشيولدىن ئاخىرىدا 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ھەق ئېلىنىشى، بىر ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئون نەچچە ھەق ئېلىش تۈرىنى تەسىس قىلىشى، بىر دوختۇرخانا ئاغرىقتىن كۈندە 30 نەچچە سائەت بويىچە ھېسابلاپ ھەق ئېلىشى مۇمكىن...
كۆپ يىللاردىن بۇيان، بەزى تارماق ۋە ئورۇنلار قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش پرىنسىپىنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىشتەك ساقايماس كېسەلنى ھەقىقىي تۈپتىن ساقايتىشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يول نېمە ئۈچۈن‹‹يۇقىرى باھا››لىق يولغا ئايلىنىپ قالدى؟
تىپىك مىسال: بېيجىڭ شەھىرىدىكى پايتەخت ئايروپورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا 1 مىليارد 165 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ 765 مىليون يۈەنى بانكىدىن قەرز ئېلىنغان. بۇ يولدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھەق ئېلىنغاندىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرى 1997 – يىلى 1 – ئايدا 30 يىل ھەق ئېلىشنى قايتىدىن تەستىقلىغان، 2005 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 3 مىليارد 200 مىليون يۈەن ھەق ئېلىنىپ بولغان، ئېشىپ قالغان ۋاقىتتا ئېلىنىدىغان ھەقنى تەخمىنىي ھېسابلىغاندا يەنە 9 مىليارد يۈەن ھەق يىغىلىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بىر تاشيول ئۈچۈن ئاخىرىدا 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ھەق ئېلىنىشى مۇمكىن.
ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: تاشيوللاردا كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىش جەمئىيەتتە ئىزچىل كۈچلۈك ئىنكاس قىلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە قاتناش تارماقلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پونكىت تەسىس قىلىپ ھەق ئېلىپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەق ئېلىش قەرەلىنى ئۇزارتىپ جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى خېلى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى. يېقىندا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ سەندۇڭ، بېيجىڭ قاتارلىق 12 ئۆلكە (شەھەر) دىكى تىجارەت خاراكتېرلىك 35 تاشيولنىڭ تەستىقلانغان ھەق ئېلىش قەرەلىنىڭ بەك ئۇزاق بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، يۈرۈش ھەققى ئېلىپ قىلغان كىرىمىنىڭ مەبلەغ تەننەرخىدىن نەچچە ھەسسە، ھەتتا ئون نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىپ،‹‹يۇقىرى باھا››لىق تاشيولغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئەزالارنىڭ تەكلىپى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لۇ چىجۇ مۇنداق دېدى: ھازىر مۇشۇنچىۋالا كۆپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ‹‹يۇقىرى باھا››لىق تاشيولغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، ئاساسلىقى، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە قاتناش تارماقلىرىنىڭ جەمئىيەتنى ھەقسىز جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماستىن، تاشيول قاتنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە يۈكىنى جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويغانلىقىدا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بازار قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلىكىدە.
بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەتنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارغا ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە تۈزۈملەرنى ئىمكانقەدەر تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنى مەبلەغ سېلىپ ياساش، تىجارىتىنى باشقۇرۇش ۋە ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتەك ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تاشيوللاردا ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، ھەق ئېلىش پونكىت – نۇقتىلىرىنى ئازايتىپ، مۇۋاپىق بولمىغان ھەق ئېلىش قەرەلىنى تەڭشەش كېرەك.
مائارىپتا كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىشنى تۈزەشتە يەنە خىرە نۇقتا مەۋجۇت
تىپىك مىسال: بۇ يىلنىڭ بېشىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى گۇاڭدۇڭنىڭ جەنجياڭ شەھىرى سۈيشى ناھىيىسى بېيپو يېزىسى شىڭۋېن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 2003 – يىلىدىن 2007 – يىلى 5 – ئايغىچە ئۆز ئالدىغا دەرس تولۇقلاپ ئۆتۈش ھەققى، باسما ھەققى، ماتېرىيال ھەققى، ئىمتىھان قەغىزى ھەققى، قايتا ئوقۇتۇش ھەققى، ئەلا ئوقۇغۇچى قىلىپ تەربىيىلەش ھەققى، ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەققى، مۇسابىقە ھەققى، تاپشۇرۇق دەپتەر ھەققى، رادىئو گىمناستىكىسى ھەققى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك ھەق ئېلىشنى تەسىس قىلغانلىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت مائارىپتا كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىشنى چەكلەشنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى، جايلارمۇ چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى ياكى يۇقىرى چەك بېكىتتى، كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىشنى تۈزەشتە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن مەسىلە ساقلانماقتا. 2002 – يىلىدىن بۇيان دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى مائارىپتا ھەق ئېلىشنى سەككىز قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈپ، كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىش دېلوسىدىن 167 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلىنغان ھەق 6 مىليارد 851 مىليون يۈەنگە يەتتى، 4 مىليارد 721 مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈلدى، بۇلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا 2 مىليارد 977 مىليون يۈەن قايتۇرۇپ بېرىلدى.
ئەزالارنىڭ تەكلىپى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، سەندۇڭ ئۆلكىلىك مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى سۈن جىيې مۇنداق دېدى: دۆلەت مائارىپ خىراجىتىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا ئائىت شۇنچىۋالا كۆپ سىياسەت – تەدبىر چىقارسىمۇ، نېمە ئۈچۈن كىشىلەر يەنىلا ئوقۇش قىممەت، ئوقۇش قىيىن، دەيدۇ؟ مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب مۇنداق: بىرىنچىدىن، مائارىپتا كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىشنى تۈزەشتە خىرە نۇقتا يەنىلا مەۋجۇت. مەسىلەن، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى تېخىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كىرگۈزۈلمىدى، بۇمۇ خېلى ئېغىر يۈك ھېسابلىنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا‹‹مەكتەپ تاللاپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى››لار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ تاللاش ھەققى يۇقىرى، بەزى جايلار ئاتا – ئانىلار ياردەم بەردى، دېگەن نامدا ھەق ئالماقتا، بۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولماقتا.
مائارىپتا كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى تۈزەش ئۈچۈن بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، مائارىپ خىراجىتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام مائارىپى خىراجىتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ھەرخىل نامدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھەق ئېلىش ھادىسىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، بايقىغان ھامان بىر تەرەپ قىلىش، ھەرگىز ئورۇنسىز يول قويماسلىق كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىجابىي يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، مائارىپتا ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈلگىلىرىنى تىكلەش كېرەك. مەسىلەن، سەندۇڭ ھەر يىلى مائارىپتا ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيىدىن 20– 30نى باھالاپ چىقىپ، 150 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولماقتا.
داۋالاش خادىملىرىنىڭ كىرىمى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ كىرىمى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك
تىپىك مىسال: يېقىندا يۈننەن ئۆلكىسى گېڭما دەيزۇ – ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى ئاغرىق چېن ۋېيچىڭنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئائىت تالاش – تارتىش دېلوسىغا سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. گېڭما ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ساقلانغان داۋالاش جەريانىدا كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىش مەسىلىسى بۇ قېتىمقى داۋالاش تالاش – تارتىشىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى. كېسەللىك تارىخىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاغرىق ئەمەلىيەتتە كېسەلخانىدا بەش كۈن ياتقان، لېكىن دوختۇرخانا 168 سائەت بويىچە ھېسابلاپ، ئېغىر كېسەلگە قاراش ھەققى ۋە ئورۇن زاكاز قىلىش ھەققى ئالغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 33 سائەتتىن كۆپرەك ھېسابلىنىپ ھەق ئېلىنغان.
ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: بۇلتۇر تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى باھاغا ئالاقىدار پاش قىلىش ئەھۋاللىرىنى ئومۇمىي ئوقتۇرۇش قىلغاندا: ھازىر داۋالاش ۋە دورىغا ئالاقىدار كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىش مەسىلىلىرى يەنىلا خېلى گەۋدىلىك بولماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ئالتە يىللىق پاش قىلىش مەلۇماتلىرى ئىچىدە داۋالاش ۋە دورىغا ئالاقىدار كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىشنى پاش قىلىش مىقدارى بىر يىل 1 – ئورۇندا، ئۈچ يىل 2 – ئورۇندا، ئىككى يىل 3 – ئورۇندا تۇردى. 2002 – يىلىدىن بۇيان تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى دورا ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى بەش قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈپ، داۋالاش ۋە دورا باھاسىغا ئائىت قانۇنغا خىلاپ دېلودىن 80 نەچچە مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 4 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
ئەزالارنىڭ تەكلىپى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، گۈيجۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ خۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: داۋالاش خادىملىرىنىڭ كىرىمى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ كىرىمى چېتىلىپ قالسا، داۋالاشتا كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىش مەسىلىسى تەبىئىيلا پەيدا بولىدۇ ھەم بارا – بارا ساقايماس كېسەل بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ. ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە دوختۇرخانىلار دورا باھاسى ئاساسىدا %15 باھا قوشسا بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، داۋالاش ئۈنۈمى خېلى ياخشى ھەم ئەرزان دورىلار بار بولسىمۇ نۇرغۇن دوختۇر باھاسى يۇقىرى دورىلارنى بېرىشنى خالايدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چارىسى –– دوختۇرخانىنىڭ كىرىم – چىقىمىنى ئىككى لىنىيىگە ئايرىشنى يولغا قويۇپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ كىرىمى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ كىرىمىنىڭ چېتىلىشىنى ئۈزۈپ تاشلاشتىن ئىبارەت.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى نيۇ لىۋېن مۇنداق دېدى: داۋالاشتا كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىشنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى بېقىش، خىراجەت يوچۇقىنى تولۇقلاش، داۋالاشتا ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەنرەك بولۇشتەك ئوبيېكتىپ ئامىللارمۇ مەۋجۇت. شۇڭا ھۆكۈمەت جامائەت داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا چوقۇم سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، دوختۇرخانىنىڭ تىجارەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، دوختۇرلارنىڭ شەخسىي كىرىمىنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، داۋالاشتا كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىش مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت پايدا ئالمايدىغان داۋالاش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق كەلسە – كەلمەس ھەق ئېلىش ھادىسىلىرىنى تۈزىسىمۇ بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى)
|