|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20 – مارت تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 20– مارت ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ دالاي بىلەن سۆزلىشىش مەيدانى ئىزچىل ئېنىق بولۇپ ئۆزگەرمىدى، دالاينىڭ ئاتالمىش‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› دېگەن تەشەببۇسىدىن ھەقىقىي ۋاز كېچىپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان ھەرىكەتلەرنى ئۈزۈل – كېسىل توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دېدى.
چىن گاڭ مۇنداق دېدى: دالايغا تۇتقان پوزىتسىيىدە ئۇنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىرىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقىنىغا قاراش كېرەك. يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. دالاينىڭ ئەس – ھوشىنى يىغىپ، سۆھبەتكە شارائىت ھازىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: دالاي نوقۇللا دىنىي زات ئەمەس، بەلكى ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىياسىي سەرگەردان. بۇ قېتىم لاسادا يۈز بەرگەن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى دالاي گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى.
ئالاقىدار دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دالاينىڭ بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ھەر قانداق شەكىلدە ئۇنىڭغا شۇنداقلا ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە ياردەم بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. چىن گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ۋەقەنى دالاي گۇرۇھى تەشكىللىك، مەقسەتلىك، پىلانلىق قۇتراتقان، دالاي گۇرۇھى جىنايى جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. پاكىتنى بۇرمىلىغىلى، يوشۇرغىلى بولمايدۇ، ھەقىقىي ئەھۋال ھامان ئاشكارىلىنىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقىدار پاكىتلارنىڭ جامائەتچىلىككە ئاشكارا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
چىن گاڭ چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە دائىر خەۋەرلىرى ئۈستىدە توختىتىلىپ مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى بىر قەدەر ئوبيېكتىپ، بەزىلىرى ئەمەلىيەتكە پەقەتلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بىز ئالاقىدار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيە بىلەن ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئاخباراتچىلىقنىڭ مىزانى بويىچە ئوبيېكتىپ، ئادىل خەۋەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
|