باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ1 –يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
2008- 03- 20 10:30 شىنجاڭ گېزىتى

ۋۇ باڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى 19 – مارت چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 17– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىنى باشتىن – ئاخىر يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ تاكتىكىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرىدۇ، ياخشى قوغدايدۇ.

     ماقۇللانغان كۈنتەرتىپ بويىچە دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ۋاڭ ۋەنبىڭ، چياۋ شاۋياڭ، جاڭ شاۋچىن، ساۋ ۋېيجۇ، ۋاڭ چىڭشى، لى ليەننىڭ، خې يېخۇي، سۈن ۋېي، ليۇ جېنۋېي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى.

     ۋۇ باڭگو يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشقا باشلىدى. بىز مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، دۆلەت ۋە خەلققە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى. بىرىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تولۇق توغرا تونۇپ، ئۆز يولىمىزدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى توغرا تونۇپ، ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىدا مەردانىلىك بىلەن چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۈچىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يادروسىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

     ۋۇ باڭگو مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تىرىشىپ يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، 2010– يىلىغا بارغاندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، قانۇننى ئىلمىي، دېموكراتىك چىقىرىش بىلەن بىللە، ئۇنى تۈزۈملەشتۈرۈشىمىز، قېلىپلاشتۇرۇشىمىز ۋە تەرتىپلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

     ۋۇ باڭگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 17– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىش قائىدىسى ۋە مۇھاكىمە تەرتىپى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئىشلەشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىلىملەرنى ئىگىلىشىمىز كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەرگە دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش بىلەن ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

     مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ جاۋگو، لۇ يۇڭشياڭ، ئۇيۇنچىمىگ، خەن چىدې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جۇ تيېنۇڭ، لى جيەنگو، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، ساڭ گوۋېي يىغىنغا قاتناشتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شېڭجۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ