باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىزاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار رەئىس دۆلەت باياناتى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
2008- 03- 20 10:27 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 18 – مارت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىزاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار رەئىس دۆلەت باياناتى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە، دالاي گۇرۇھىنىڭ زوراۋانلىق جىنايىتىنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

     مۇخبىر: ياۋروپا ئىتتىپاقى 17– مارت شىزاڭنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا رەئىس دۆلەت باياناتى ئېلان قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

     چىن گاڭ: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىزاڭنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان رەئىس دۆلەت باياناتىغا دىققەت قىلدۇق. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرگە لاسادا يۈز بەرگەن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى شۇنداقلا شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم ئۇقتۇردى. بۇ ۋەقەنى دالاي گۇرۇھى تەشكىللىك، مەقسەتلىك، پىلانلىق قۇتراتقان، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرى ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ پەيدا قىلغان بولۇپ، دالاي گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتى ۋە تەرغىپ قىلىۋاتقان‹‹تىنچلىق››،‹‹زوراۋانلىق قىلماسلىق›› دېگەنلىرىنىڭ ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى، بۇ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك پرىنسىپىنى دەپسەندە قىلغانلىق.

     چىن گاڭ مۇنداق دېدى: بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە، دالاي گۇرۇھىنىڭ زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشىنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ