|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 18 – مارت مۇنداق دېدى: شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلار يېقىندا لاسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. ھازىر لاسانىڭ ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ، جەمئىيەت تەرتىپى نورماللاشتى.
چىن گاڭ قەرەللىك ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: لاسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ كەلتۈردى. بۇنى دالاي گۇرۇھى تەشكىللىك، مەقسەتلىك، پىلانلىق قۇتراتقان، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرى ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ پەيدا قىلغان.
چىن گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قىلمىشى ھەرگىزمۇ ‹‹تىنچ نامايىش›› بولماستىن، بەلكى زوراۋانلىق جىنايىتى. ئۇلار بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى، ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ بولدى، شۇڭا شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قاتتىق غەزەپلەندى ۋە ئۇنى ئەيىبلىدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى تامامەن جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى، دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈمىنى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، ئۇلارنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشى مۇۋاپىق، قانۇنلۇق. بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ناھايىتى ئېغىر – بېسىق بولدى. بۇ ۋەقە دالاي گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى ۋە تەرغىپ قىلىۋاتقان ‹‹تىنچلىق››، ‹‹زوراۋانلىق قىلماسلىق›› دېگەنلىرىنىڭ ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ھەر قانداق مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت بۇنداق زوراۋانلىق قىلمىشقا قاراپ تۇرمايدۇ. جۇڭگودىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارى بار. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
چىن گاڭ دالاينىڭ باشقا دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى ئەزەلدىن ناھايىتى ئېنىق، قەتئىي. دالاي نوقۇللا دىنىي زات ئەمەس، بەلكى دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان، ئۇزاقتىن بۇيان چەت ئەللەردە ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان سىياسىي سەرگەردان. بۇ قېتىم لاسادا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسى دالاي گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. بىر تەرەپلىمە كۆزقاراشتىن خالىي، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ھەر قانداق بىر دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەگە توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. بىز باشقا دۆلەت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دالاي بىلەن كۆرۈشۈشىگە، دالاينىڭ بۆلگۈنچىلىك سۆز − ھەرىكىتىنى سورۇن بىلەن تەمىنلىشىگە، ئۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىزنىڭ بۇ مەيدانىمىز ئۆزگەرمەيدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيادا ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى››، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىل دۆلەت›› دېگەنلەرنى بىرمۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلمىدى. بۇ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شىزاڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىدىكى ئاساسىي مەۋقەسى. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېقىندا لاسادا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسى ئارقىلىق، دالاي گۇرۇھىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
|