|
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19– مارت تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا باشلىدى.
يىغىندا گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت ئىش تەقسىماتى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلدى؛ ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت پرىنسىپى››مۇزاكىرە قىلىندى ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت پرىنسىپى›› نى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان گوۋۇيۈەننىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.
11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھىسىگە ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات ۋە ئورۇنلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ماقۇللاندى، گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ۋاقتىلىق ئاپپاراتى ئىخچاملاندى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا يەنە ھازىرقى خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان روھىي قىياپەت، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك .
|