|
مۇخبىرلىرىمىزنىڭ 19– مارت چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بېيجىڭدا بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭنىڭ چەت ئەلدىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش بايلىقى، تۈر مەبلىغى، سىياسەت تەدبىرى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا كۈچەپ مايىللىشىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى تولۇق ئېچىپ پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
بۇ يىل 2 – ئايدا دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى››نى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، بۇ، 2004– يىلى ‹‹چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىنى قوللىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىنى سىياسەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
كادىرلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جى يۈنشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ چۇڭجيۇ يىغىنغا قاتناشتى.
جى يۈنشى مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر›› گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەر قاتارلىق ساھەلەردە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ.
ياڭ گاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ ‹‹پىكىر››نى تارقىتىشى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ قوللىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ھۆججەتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى بىلەن جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، 2004– يىلى دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى ‹‹چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويغاندىن بۇيان، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى 1439ئادەم(قېتىم) شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭدىكى 3580 دىن ئارتۇق كادىرنى چەت ئەلگە تەربىيىلىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، شىنجاڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزگەن ۋە تەربىيىلىگەن. شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش خىزمىتىدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش، شامال ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش تېخنىكىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۆزگىچە مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. دۆلەت چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسى شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش نەتىجىلىرىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش بازىسىدىن توققۇزىغا دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى دەپ نام بەرگەن.
|