باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ما كەي
2008- 03- 19 17:53 شىنجاڭ گېزىتى

       ئەر، خەنزۇ، 1946– يىلى 6– ئايدا شاڭخەي شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1965– يىلى 8– ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1965– يىلى 9– ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانت مەلۇماتىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە ماگستىر.

      ھازىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، گوۋۇيۈەن غەربىي رايوننى ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

      1965– يىلىدىن 1970– يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك 4– ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1970– يىلىدىن 1973– يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك شىچېڭ رايونى‹‹7– ماي›› كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك بىلەن چېنىققان؛ 1973– يىلىدىن 1979– يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان (بۇ مەزگىلدە 1978– يىلىدىن 1979– يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ نەزەرىيە سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1979– يىلىدىن 1982– يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد  فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 1982– يىلىدىن 1983– يىلىغىچە دۆلەت مال باھاسى ئىدارىسىنىڭ مال باھاسىنى تەتقىق قىلىش ئورنىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولغان؛ 1983– يىلىدىن 1984– يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە رايونلۇق مالىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى(1984– يىلى 3– ئايدا)بولغان؛ 1984– يىلىدىن 1985– يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1985– يىلىدىن 1986– يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1986– يىلىدىن 1988– يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك مال باھا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1988– يىلىدىن 1993– يىلىغىچە دۆلەت مال باھا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى (بۇ مەزگىلدە 1992– يىلى 9– ئايدىن 11– ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ  ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر  دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)بولغان؛ 1993– يىلىدىن 1995– يىلىغىچە دۆلەت ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1995– يىلىدىن 1998– يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى (بۇ مەزگىلدە 1997– يىلى 3– ئايدىن 5– ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان) بولغان؛ 1998– يىلىدىن 2000– يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2000– يىلىدىن 2003– يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى(گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، مىنىستىر دەرىجىلىك)، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2003– يىلىدىن 2008– يىلىغىچە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، گوۋۇيۈەن غەربىي رايوننى ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى (2003– يىلى 5– ئايدا)، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى (2005– يىلى 4– ئايدا) بولغان؛ 2008– يىلى دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، گوۋۇيۈەن غەربىي رايوننى ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولدى.

   ج ك پ نىڭ 15– قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 16– ، 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ