باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
دەي بىڭگو
2008- 03- 19 17:43 شىنجاڭ گېزىتى

    ئەر، تۇجيازۇ، 1941– يىلى 3 – ئايدا گۈيجۇنىڭ يىنجياڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1973– يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1964– يىلى 9 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتىنىڭ رۇس تىلى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە.

    ھازىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتكومنىڭ ئەزاسى.

    1959– يىلىدىن 1964–  يىلىغىچە سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتىنىڭ رۇس تىلى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1964– يىلىدىن 1965– يىلىغىچە بېيجىڭ دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان؛ 1965– يىلىدىن 1966– يىلىغىچە خۇنەن ئۆلكىسى ليۇياڭ ناھىيىسىدە ‹‹تۆتنى ئېنىقلاش››قا قاتناشقان؛ 1966– يىلىدىن 1969– يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى سوۋېت ئىتتىپاقى – ياۋروپا مەھكىمىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1969– يىلىدىن 1973– يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەلچىخانىنىڭ خادىمى بولغان؛ 1973– يىلىدىن 1974– يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ‹‹7 –  ماي›› كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك قىلغان؛ 1974– يىلىدىن 1985– يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى سوۋېت ئىتتىپاقى – ياۋروپا مەھكىمىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، باشقارما باشلىقى (بۇ مەزگىلدە 1980– يىلىدىن 1982– يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جۇڭگو – سوۋېت ئىتتىپاقى سۆھبىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى؛ 1983– يىلىدىن 1985– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيىنى تەرتىپكە سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەنخۇيغا ئەۋەتىلگەن ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان)بولغان؛ 1985– يىلىدىن 1986– يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى سوۋېت ئىتتىپاقى – ياۋروپا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1986– يىلىدىن 1989– يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى سوۋېت ئىتتىپاقى – ياۋروپا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1989– يىلىدىن 1991 – يىلىغىچە ۋېنگرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان؛ 1991 – يىلىدىن 1993– يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى، پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1993– يىلىدىن 1995– يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1995– يىلىدىن 1997– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (بۇ مەزگىلدە 1996– يىلى 3 – ئايدىن 5 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان) بولغان؛ 1997– يىلىدىن 2003– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى (بۇ مەزگىلدە 2002 – يىلى 3 – ئايدىن 5 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)بولغان؛ 2003– يىلىدىن 2005– يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان؛ 2005– يىلىدىن 2007– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان؛ 2007– يىلىدىن 2008– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان؛  2008– يىلى دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتكومنىڭ ئەزاسى بولدى.

     ج ك پ 15–، 16–، 17–  نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ