باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
خۇي لياڭيۈ
2008- 03- 19 17:29 شىنجاڭ گېزىتى

    ئەر، خۇيزۇ، 1944– يىلى 10– ئايدا جىلىننىڭ يۈشۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1966– يىلى 4 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1964– يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە،  مەسئۇل ئىقتىسادچى.  

    ھازىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

    1961– يىلىدىن 1964– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1964– يىلىدىن 1968– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى، كادىرلار مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىدە بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1968– يىلىدىن 1969– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ ناھىيىسىدىكى‹‹7 – ماي›› كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك قىلغان؛ 1969– يىلىدىن 1972– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېت سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان؛ 1972– يىلىدىن 1974– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يۈجيا گۇڭشېسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1974– يىلىدىن 1977– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1977– يىلىدىن 1984– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1984– يىلىدىن 1985– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى بەيچىڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛ 1985– يىلىدىن 1987– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پارتكوم يېزا سىياسىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئۆلكىلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى(1984– يىلىدىن 1987– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىرتتىن ئوقۇش سىنىپى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي كەسىپلەر كەسپىدە ئوقۇغان)بولغان؛ 1987– يىلىدىن 1990– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1990– يىلىدىن 1992– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1992– يىلىدىن 1993– يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1993– يىلىدىن 1994– يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان؛ 1994– يىلىدىن 1995– يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1995– يىلىدىن 1998– يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1998– يىلىدىن 1999– يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1999– يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن 2003– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2003– يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    ج ك پ 14– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15– ، 16– ، 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 16–، 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى.   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ