باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
جياڭ دېجياڭ
2008- 03- 19 17:23 شىنجاڭ گېزىتى

    

     ئەر، خەنزۇ، 1946– يىلى 11 – ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1971– يىلى  1 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، 1968– يىلى 11 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چاۋشيەن ‹‹كىم ئېرسىن›› ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

    ھازىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

    1968– يىلىدىن 1970– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيىسى لوزىگۇ گۇڭشېسى تەيپىڭ دادۈيىدە زىيالىي ياش بولۇپ تۇرغان؛ 1970– يىلىدىن 1972– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېت تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، ئورگان ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1972– يىلىدىن 1975– يىلىغىچە يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتىنىڭ چاۋشيەن تىلى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1975– يىلىدىن 1978– يىلىغىچە يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1978– يىلىدىن 1980– يىلىغىچە چاۋشيەن‹‹كىم ئېرسىن››ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1980– يىلىدىن 1983– يىلىغىچە يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان؛ 1983– يىلىدىن 1985– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يەنجى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1985– يىلىدىن 1986– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1986– يىلىدىن 1990– يىلىغىچە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1990– يىلىدىن 1995– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1995– يىلىدىن 1998– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1998– يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن 2007– يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي  بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2007– يىلىدىن 2008– يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي   كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2008– يىلى    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولدى.

    ج ك پ 14– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15– ، 16– ، 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16– ، 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ