باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى شۇ سەيخۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2008- 03- 19 16:43 شىنجاڭ گېزىتى

   شۈ سەيخۇ

      ئەر، خەنزۇ، 1943– يىلى 6 – ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋافاڭدىيەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1971– يىلى 4 – ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1963– يىلى 8 – ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، خاربىن ھەربىي قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلېكترون قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە.

     ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭجياڭ.

     1963– يىلىدىن 1968– يىلىغىچە خاربىن ھەربىي قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلېكترون قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛ 1968– يىلىدىن 1970– يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 39– جۈننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئەمگەك بىلەن چېنىققان؛ 1970– يىلىدىن 1971– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون مۇستەقىل شى 3 – تۇەن 2 – يىڭ 6 – ليەنىدە ئەسكەر بولۇپ چېنىققان؛ 1971– يىلىدىن 1972– يىلىغىچە شېنياڭ ھەربىي رايونى گارنىزونى 3 – شى توپچىلار تۇەنىنىڭ 1 – يىڭ 2 – ليەنىدە مۇئاۋىن يېتەكچى بولغان؛ 1972– يىلىدىن 1982– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون سىياسىي بۇسىنىڭ كادىرلار باشقارمىسىدا ئىش بېجىرگۈچى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە يەنە 1980– يىلىدىن 1982– يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1982– يىلىدىن 1983– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون سىياسىي بۇسى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1983– يىلىدىن 1984– يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون سىياسىي بۇسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1984– يىلىدىن 1985– يىلىغىچە شېنياڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۇسى ئاممىۋى خىزمەت بۇسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1985– يىلىدىن 1990– يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 16– جىتۇەنجۈن سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1990– يىلىدىن 1992– يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 16– جىتۇەنجۈنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان؛ 1992– يىلىدىن 1993– يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى،  قوشۇمچە ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993– يىلىدىن 1994– يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1994– يىلىدىن 1996– يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1996– يىلىدىن 1999– يىلىغىچە جىنەن ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1999– يىلىدىن 2000– يىلىغىچە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، باش سىياسىي بۇسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2000– يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش سىياسىي بۇسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن 2004– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىرى، باش سىياسىي بۇسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2004– يىلىدىن 2005– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛  2005– يىلىدىن 2007– يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2007– يىلىدىن تارتىپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان .

     ج ك پ  15–، 16–، 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 15– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلىنىپ سايلانغان. 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ 12– يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 16– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 10– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 16– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 10– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ