باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹ مەدەنىيەتنى ئالتىگە يۈزلەندۈرۈش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ
2008- 03- 19 12:56 تەڭرىتاغ تورى

      مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات –سەنئەت ئۆمەكلىرى ، مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 3–ئاينىڭ 20–كۈنىدىن ،4– ئاينىڭ 5– كۈنىگىچە ‹‹ مەدەنىيەتنى ئالتىگە يۈزلەندۈرۈش››پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، مول ، رەڭدار بولغان ئەدەبىيات –سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ، شىنجاڭدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .

    ‹‹ مەدەنىيەتنى ئالتىگە يۈزلەندۈرۈش ›› بولسا مەدەنىيەتنى  ئاھالە كومىتېتلىرى ، كارخانا ، يېزا ، مەكتەپ ، ھەربىي لاگىر ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغا يۈزلەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ . ‹‹مەدەنىيەتنى ئالتىگە يۈزلەندۈرۈش ›› پائالىيىتىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش—ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ، ئاساسي قاتلام مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش ، ئاممىنى مەدەنىيەت بىلەن  ئۇزۇن مۇددەت مەنپەئەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

     ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات ، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ ، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بەلگىلىگەن پائالىيەت لايىھىسىدىن پايدىلىنىپ ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پىلانلىق ، تەشكىللىك ھالدا ياخشى يولغا قويۇشى ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى ؛  ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكگە زىچ بىر لەشتۈرۈپ ، ھەر خىل ئۈنۈملۈك ۋاستىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئاكتىپ قوزغىتىپ ، جانلىق ۋە تەسىرلىك ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ؛ مەزمۇنى ساغلام ، جانلىق ۋە تېتىك ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەھسۇلاتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى ھەمدە ئىلگىركى تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلىگەن ئاساستا ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزىمنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھەر دەرىجىلىك ، يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى ‹‹مەدەنىيەتنى ئالتىگە يۈزلەندۈرۈش›› تىكى ھەر خىل مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ، ياخشى ئىشلىشى كېرەك .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ