باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>> 乌鲁木齐图片
25 – فېۋرال ئۈرۈمچى
2008- 02- 25 09:56 تەڭرىتاغ تورى

ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃1-،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10–بولىدۇ 

      مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا چاغاندىن كېيىنكى تۇنجى قار ياغدى. قىسمەن رايونلاردا قېلىن قار ياغدى. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  كۆپ قىسىم جايلىرىدا  تېمپېراتۇرا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى.

      ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي رۇڭچىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹ ئىلى دەرياسى جىلغىسى، بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسىمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسىم رايونلىرى ئۇنىڭدىن باشقا شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا قار نىسبەتەن قېلىن ياغدى.  ئىلى دەرياسى جىلغىسى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا  قار تېخنمۇ قېلىن ياغدى ››.

       قارنىڭ تەسىرىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىسقا مۇددەتلىك تۆۋەنلىدى. ۋېي رۇڭچىڭ مۇنداق دېدى:‹‹ ئەتىياز پەسلى كېلىپ قالغاچقا ، قىسقا مۇددەتلىك تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېزلا ئۆرلەيدۇ. قېلىن قاردىن كېيىن شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە،. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى 3 سېلسىيە گرادۇستىن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. لېكىن بۇ پەقەت قىسقا مۇددەتلىك تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتىنلا ئىبارەت ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ھاۋارايى ئاساسلىقى قاتناشقا ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا سەل تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېھقانچىلىققا نىسبەتەن پايدىلىق››.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ