|

ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃9–،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃18–بولىدۇ
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 4- فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، چاغان مەزگىلىدە يەنى مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا روشەن سوغۇق ھاۋارايى كۆرۈلمەيدىكەن. كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەن بولىدىكەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 7-، 8- كۈنلىرى ئىلى دەريا جىلغىسى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق كۆپ قىسىم رايونلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرىھال قار ياغىدىكەن. شامال ئېغىزلىرىدا يەتتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال بورىنى چىقىدىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنىنىڭ ئالدى -كەينىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن. بۇنىڭدا ئىلى دەريا جىلغىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرىھال قار ياغىدىكەن. شامال ئېغىزلىرىدا سەككىز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال بورىنى چىقىپ، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. باشقا چاغلاردا شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا بەزىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. چاغان مەزگىلىدە، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆرلەپ ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە تەڭلىشىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىمۇ تېمپېراتۇرا مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆرلەيدىكەن. ئەمما ئۆرلەش دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى بولمايدىكەن. كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بەش سىلتسىيە گرادۇس تۆۋەن بولىدىكەن.
ئۈرۈمچىدە چاغان مەزگىلىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ ، مۇشۇ ئاينىڭ 6- ،7- كۈنلىرى چۈشتىن كېيىندىن كەچكىچە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 8 سىلتسىيە گرادوستىن 11 سىلتسىيە گرادوسقىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 17 سىلتسىيە گرادوستىن 20 سىلتسىيە گرادوسقىچە بولىدىكەن.
|