باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>> 乌鲁木齐图片
1–فېۋرال ئۈرۈمچى
2008- 02- 01 10:09 تەڭرىتاغ تورى

 

ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا تۇمانلىق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃11–،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃18–بولىدۇ

       دۆلەت مۇھىت ئاسراش باش ئىدارىسىنىڭ 30–يانۋاردىكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 30-يانۋار كۈنىدىكى ھاۋا بۇلغىنىش ئۆلچەم سىزىقى 2008–يىلى كىرگەندىن بۇيان 5–قېتىم ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ ، بۇلغۇنۇش دەرىجە كۆرسەتكۈچى 500گە يەتكەن ، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان شەھەر قاتارىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

     بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ئۇدا 30كۈن بۇلغىنىش ھالىتىدە تۇرغان . بۇنىڭ ئىچىدە 8 – ، 13–، 14–، 27–، 30 – يانۋار كۈنلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش ھالىتىگە كىرگەن . ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجە كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى چەك500گە يەتكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرى نۆۋەتتە كۆپ تۇمانلىق بولۇش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ ، ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشى كىشىلەرنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئاستا خارەكتىرلىك كېكىردەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر بۇنداق ھاۋا مۇھىتىدا ئەتىگەنلىرى چېنىقىشقا چىقماسلىقى، سىرتلارغا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىشى ، ياشانغانلار ، بالىلار ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەر ئامال بار سىرتقا ئاز چىقىشى كېرەككەن.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ