|

ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14–،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21–بولىدۇ.
سىبىرىيىدىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۆۋەن بېسىم قاينىمىنىڭ ئورتاق تەسىرى تۈپەيلىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلاردا كەلگۈسىدىكى 3 كۈن ئىچىدە كەڭ دائىرىدە قار ياغىدىكەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنىدىن باشلاپ ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇل ۋىلايىتى شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا قار ياغدى، بۇنىڭ ئىچىدە تارغاباتاي ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغدى. قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرىھال ۋە قېلىن قار ياغدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى تەن يەنمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يەنە ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرىھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا 4 سېلتسىيە گرادۇستىن 6 سېلتسىيە گرادۇسقىچە چۈشۈپ، تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن ھالەتنى ساقلايدۇ .
ھاۋارايى تارماقلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدا قار يېغىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن، چارۋىچىلىق رايونلىرى بولۇپمۇ تاغلىق رايونلادا قار ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بىر قەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قار ئاپىتى ۋە ئۈشۈكتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا، ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكنى ئەسكەرتتى.
|