باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى يېپىلغاندا قىلىنغان سۆز
2008- 01- 21 11:30 شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ لېچۈەن

(2008–يىل 1 – ئاينىڭ 20–كۈنى)

   ئەزالار، يولداشلار، دوستلار:

   سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق  10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى يىغىنغا قاتناشقان ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق ئورۇنداپ بۈگۈن ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىننىڭ تولۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يېڭىدىن سايلانغان رەئىس ئەسقەت كەرىمباي بىلەن مۇئاۋىن رەئىسلەر، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئەزالار ۋە يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

   بۇ قېتىمقى يىغىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، گوۋۇيۈەننىڭ 32–نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ۋە سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى. يىغىن مەزگىلىدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر بىر قاتار زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. بۇ قېتىمقى يىغىن دېموكراتىيە يىغىنى، ئىتتىپاقلىق يىغىنى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يىغىنى بولدى، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكىلەر ۋەزىپە ئۆتىگەن بەش يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تارىخىي  تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەزگىل بولدى. بۇ بەش يىلدا بىز 10–بەش يىللىق پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇندىدۇق، 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ چىقتۇق ۋە يولغا قويدۇق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەملەنگەن، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېموكراتىيە، ئىتتىپاقلىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيىسىنى پۇختا ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، بۇ يەردە ئولتۇرغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ھەمدە سىلەر ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيىسىز  گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى زاتلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

   ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكىلەر ۋەزىپە ئۆتىگەن بەش يىل بىز پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرگەن مۇھىم مەزگىل بولدى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتەك كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىن ئىبارەت يېڭى تەلەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېزلىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار كارتىنىسى سۈرەتلەپ بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىلىپ بېرىلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، گوۋۇيۈەن 32–نومۇرلۇق ھۆججەتنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، يېتەكچى پرىنسىپى، ئاساسىي تەسەۋۋۇرى، ئىستراتېگىيىلىك نىشانى ۋە ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسى، چوڭ – چوڭ تۈرلەر،  سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز يېڭى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، شىنجاڭنى تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شارائىت ھازىرلاندى، پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى. خەلق سىياسىي كېڭىشى ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى تەشكىلاتى بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھېچكىم ئورنىنى باسالمايدىغان مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرمىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

1. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

   ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيىمىز يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان زور ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يېتەكچى فاڭجېنى. ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، گوۋۇيۈەننىڭ 32–نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەۋقە ھازىرغا قويۇلۇپ، كەلگۈسى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 11 – بەش يىللىق پىلاننىڭ كېيىنكى ئۈچ يىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى، يېڭى نىشانى ۋە زور تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر خىزمەتلەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدۇق: 2010–يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ %12تىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، 520مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش؛ جايلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ياكى يەتكۈزۈپ، غەربىي قىسىمدىكى رايونلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 18 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، 2010–يىلىغا بارغاندا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى 300مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش كېرەك. مالىيە كىرىمىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20تىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، 2010–يىلىغا بارغاندا مالىيىنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمىنى 46مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، ئومۇمىي مالىيە كىرىمىنى 100مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش كېرەك. تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 20ئاشۇرۇپ، 2010–يىلىغا بارغاندا 21مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش كېرەك. 2010–يىلىغا بارغاندا شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 14مىڭ 350يۈەندىن كۆپرەككە، دېھقان –چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 4000يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش كېرەك. 10مىڭ يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە كېتىدىغان سەرپىياتنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن%4 ئۆپچۆرىسىدە تۆۋەنلىتىش؛ گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد ۋە خىمىيىلىك ئايروبىك قويۇپ بېرىش مىقدارى جەھەتتە بۇلغىمىنى ئازايتىش نىشانىغا ئاساسىي جەھەتتىن يېتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى يېتەرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم قىلىش كېرەك. يۇقىرىقى نىشانغا يېتىش، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن بىز چوقۇم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى نۇقتىلىق ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئېڭىنى يېڭىلاپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى داۋاملىق تۈردە ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاختا، ئاشلىق، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك چارە – ئاماللار بىلەن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئەۋزەل بايلىقنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنى تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئەۋزەل تۈۋرۈك كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە مۇھىم نېفىت، تەبىئىي گاز، خىمىيە سانائىتى بازىسى، كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك بايلىق ئورۇنباسار بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. 3 – كەسىپنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى يۈكسىلىش نۇقتىسىنى پائال يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇل مۇئەسسەسە ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. ئىشىكنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرىكمە ئىگىلىكنى يېڭى قاتلامدا تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىش سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى نۇقتىلىق ھالدا كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

   پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇقەددەس تارىخىي بۇرچى شۇنداقلا خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناق تەرەققىي قىلىشنى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە باشلىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپرەك چارە – تەدبىر كۆرسىتىشى كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭىشىگە ھەرقايسى تەرەپتىكى ۋەكىل زاتلار توپلاشقان بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى بىر مۇنچە مۇتەخەسسىس، ئالىملار بار، ئۇنى كۆپ خىل پەنلەر مۇجەسسەملەنگەن، يۇقىرى سەۋىيىلىك، ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلار ئامبىرى ۋە ئاقىللار ئۆمىكى دېيىشكە بولىدۇ. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملەشكەن، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، يولى راۋان بولۇشتەك ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەزالارنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىۋېرساللىق، ئومۇملۇق، ئالدىن كۆرەرلىك خاراكتېرىگە ئىگە بەزى تېمىلارنى تاللاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىشكە تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەش ۋە قوزغاش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى نىشان، يېڭى تەلەپ، يېڭى تەدبىرلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك چارە – ئاماللار بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ ئەۋزەل بايلىقنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش؛ 3 – كەسىپ ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ۋە پەن – تېخنىكا، مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى پەن – تېخنىكا، مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش؛ خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەلرايى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش شۇنىڭدەك ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە دېموكراتىيە  قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەزالارنى كۆپ قاتلام، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ ساھە بويىچە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلمىيلىكى مول، ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پىكىر، تەكلىپلەرنى بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، سەۋىيىسى، قىممىتى بار تېخىمۇ كۆپ تەكلىپلەرنى تىرىشىپ پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى تېخىمۇ مول ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك.

2. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تەشكىلىي ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش كېرەك

   مۇقىملىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇملۇقى، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، شىنجاڭدا مۇقىم مۇھىت بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئومۇمەن ئېيتقاندا ياخشى، لېكىن ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولغاچقا، خەلقئارا سىياسىي كۈرەشتىكى ئۆزگىرىشلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىغا ھەر ۋاقىت بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر شىنجاڭنى ئىزچىل تۈردە دۆلىتىمىزگە قارىتا ‹‹غەربلەشتۈرۈش››، ‹‹پارچىلاش›› ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشتىكى نۇقتىلىق رايون قىلىپ، ئىنسانىي ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىلىرىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى تېزلىتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ تاشقى خەۋپ بولۇپ قالدى ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى، قوللىشى ئارقىسىدا ‹‹دۇنيا ئۇيغۇرلار قۇرۇلتىيى›› ۋە رابىيە قادىر ئېقىمىدىكىلەر چېگرا سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بىرلىشىشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە غالجىرلارچە جۇڭگوغا قارشى تۈرلۈك بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، سىياسىي قاتلامدا بىز بىلەن توختىماي كۈچ سىنىشىپ، جېنىنىڭ بارىچە ‹‹شىنجاڭ مەسىلىسى››نى خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. چېگرا سىرتىدىكى مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، چېگرا ئىچىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى قايتىدىن جانلىنىپ قالدى، ئۇلار ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ يوشۇرۇن شەكىل ئارقىلىق قايتىدىن بىرىكىپ، يوشۇرۇن كۈچ توپلاپ، تەشكىلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا پۇرسەت كۈتۈۋاتىدۇ. بەزى جايلاردا قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قايتا – قايتا چەكلىسەكمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ. دۆلەت ھالقىغان دىنىي ئەسەبىي تەشكىلات ‹‹ئىزبوت››نىڭ ھەرىكىتى بەزى جايلاردا ئەۋج ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتتىن كېلىپ چىققان ئاممىۋى ۋەقەلەر ئاپتونوم رايونىمىزدا پات – پات يۈز بېرىۋاتىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› قول تىقىپ پايدىلىنىپ كەتكەن، مەلۇم كۆلەمگە ئىگە زوراۋانلىق قىلىپ قانۇن ئىجرا قىلىشقا قارشى تۇرۇش ۋەقەلىرىمۇ كۆپ قېتىم يۈز بەردى. بۇ ئەھۋاللار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن جىددىي.

   نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مېڭىسىنى باشتىن – ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، خەۋپ ئېڭىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خېيىمخەتەرنى ئويلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دەيدىغان ئىدىيىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنىڭدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى زور تەدبىرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىقى، پوزىتسىيىدە تۇتۇق بولماسلىقى، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكى، باشتىن – ئاخىر بايرىقى ئىنتايىن روشەن، مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ، سىغدۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە  گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى پائال ھەمكارلىشىپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيىلەش، ئاممىنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىلمىي نەزەرىيە، توغرا جامائەت پىكرى، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق بارلىق ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىلىرىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى ھەققىدىكى  تەشۋىق – تەربىيىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ شىنجاڭ تارىخى، جۈملىدىن مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش تارىخى ۋە دىنىى ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى بۇرمىلانغان تۈرلۈك سەپسەتىلىرىگە قەتئىي رەددىيە بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقى ئاستىدا پارتىيىنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسى ۋە پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، توغرا دۇنيا قاراش، مىللەت قارىشى ۋە دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن بولغان كەڭ ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە كومىتېتى بىلەن خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا قارىتىلغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەپ، زور مەسىلىلەردە قاراشنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا پۇختا ئاممىۋى ئاساس سېلىش كېرەك.

3. ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش داۋامىدا مۇھىم رول ئويناش كېرەك

   خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتى ھەرقايسى ساھەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرىدىغان خىزمەت بولۇپ، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەرىپى، ئۇ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئۆزگىچە تەشكىلىي شەكلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق ئاكتىپ  ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېڭى مەزمۇنى، يېڭى شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە پارتىيىسىز  گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىلىشى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشى، چارە – تەدبىر كۆرسىتىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى زاتلار، جۈملىدىن يېڭى ئىجتىمائىي قاتلامدىكىلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى بىلىپ، ئۇلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، كەسپىنى قەدىرلەش، لەۋزىدە تۇرۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئېتىقادىنى چىڭىتىش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئەزالار بىلەن ساھەلەر ئايرىمىسى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى، ئورتاق تونۇشنى، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ئاساسىنى بىرلىكتە مۇستەھكەملەپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇشقا يەكدىللىق بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىگە پائال ھەمكارلىشىپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى ئۇيۇشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرىپىدىكىلەرنىڭ پىكىر  تەكلىپلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيىسىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى بىلەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرىنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى شەخسىي مەنپەئەت بىلەن كوللېكتىپ مەنپەئەتنىڭ، قىسمەن مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتنىڭ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسى مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خوجايىنلىق ئېڭى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ پارتىيىنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى بىلەن خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، خەلق ئىچىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق  مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىتتىپاق، ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ، راۋاجلانغان يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىش كېرەك.

4. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

   ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› بىلەن سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىدە سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيىسىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بار. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ‹‹ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، چوڭ – چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش›› تەك خىزمەت تەسەۋۋۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئىلمىي مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يېڭى شەكلى، يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فۇنكسىيىنى ئادا قىلىشقا دائىر تۈرلۈك تۈزۈم ۋە تەرتىپلەرنى ئورنىتىپ، مۇكەمممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى دەۋرچانلىقنى گەۋدىلەندۈرگەن، قانۇنىيەتنى ئىگىلىگەن ھالدا مول ئىجادىي ئىشلەش كېرەك. ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقنى ساقلاپ قىلىش، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش پرىنسىپى بويىچە، پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھە دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىپ، يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، پىكىر يولىنى كەڭ ئېچىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىشنى تەشكىللىك، قەدەم باسقۇچلىق ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، چوڭ – چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى، تارماق ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيىسىز گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش بىلەن باشقا جەھەتتىكى نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، پارتىيە – گۇرۇھلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھۆكۈمەت پايدىلىنىش، تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش شەكلىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەھۋالنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى تېخىمۇ مول ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ساھەلەرنىڭ ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر، تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مېخانىزم، يېڭى قائىدە ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى خىزمەت داۋامىدا ھاسىل قىلغان ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ ھەمدە يېڭى ئەمەلىيەت ۋە يېڭى تەرەققىياتقا ئاساسەن تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئورنتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فۇنكسىيىنى ئادا قىلىش مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلىنى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇرۇپ، تەرتىپىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

5. ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

   خەلق سىياسىي كېڭىشى فۇنكسىيىسىنى ياخشى ئادا قىلىش، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاڭلىق ھالدا يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە  گۇرۇھلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساھەلەر ئايرىمىسى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەزالارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئورگان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىكنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇپ، سىياسىي مەيدانىنى چېڭىتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن – سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىدىيە جەھەتتە، ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇشى كېرەك. ئومۇملۇق قارىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئومۇملۇق ئاستىدا ھەرىكەت قىلىش، ئومۇملۇققا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بويسۇنۇش، ئومۇملۇقنى قوللاشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى بىر قاتار زور تەدبىرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىدىيە، نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىدا بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى ئۆگىنىش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەنىسى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە توغرا ئىگىلەش، بىرلىك سەپ نەزەرىيىسى ۋە سىياسىي كېڭەش نەزەرىيىسىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە پائال تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكىلىك قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرۇچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىدىغان، مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئاداقىلىدىغان قىلىش كېرەك. بىرلىك سەپ ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى نەزەدە تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەرگە سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈش، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى شەرەپ دەپ بىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەش ۋە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى، ئىدىيىۋى سىياسىي ساپاسى ۋە سىياسەت، نەزەرىيە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ئىستىلى ياخشى، بىلىمى مول، كەسىپكە پىششىق، ساپالىق سىياسىي كېڭەش خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشتەك ياخشى روھىي ھالەتنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە  قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەتلەرنى پۇختا ھالدا بېرىلىپ ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

   سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ. بۇ يەردە ئولتۇرغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ھەر قايسى پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەر كېڭىشىش ئارقىلىق كۆرسەتتى، بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى يىغىنغا قاتناشقان بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كېڭىشىش ئارقىلىق سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئەزالار پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن سىياسىي شەرەپنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق جايدا ئەزالىق مەسئۇلىيىتىنى ئېسىدىن چىقارماي، ئەزالىق رولىنى بەجانىدىللىق بىلەن ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. سىياسىي قاراشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماركىسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىدىيىۋى، نەزەرىيە ساپاسى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزى ئالاقە قىلىۋاتقان ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا ئاڭلاپ ۋە ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىلەن خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشتە يېڭى ئەزالار خېلى كۆپ، سىلەر ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتكە ئىمكانقەدەر تېز ئۇيغۇنلىشىپ، رولىڭلارنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى جارى قىلدۇرۇشىڭلار كېرەك.

   پارتىيىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپنى ماسلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش  بەرمەسلىك، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش – قىلدۇرالماسلىقنى رەھبەرلىك سەۋىيىسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ پىكىر، تەكلىپلىرىنى چىن دىل بىلەن ئاڭلاپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تەنقىدى ۋە نازارىتىنى چىن دىلدىن قوبۇل قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە چىن دىلدىن ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي شەكىل ۋە تەشكىلىي شەكىلدىن پايدىلىنىپ ئومۇمىي خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، قەرەللىك ھالدا سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيىسىنى ياخشى ئادا قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا تىرىشىپ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى ۋە ئۇنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشتىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ياخشى ئەنئەنە، ياخشى تەجرىبىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى، ۋاسىتىسى ۋە يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، تۈزۈم ۋە خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ئەزالار، يولداشلار، دوستلار! ئاپتونوم  رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز. ھەممەيلەن پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش خۇجىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،، بىر نىيەت  بىر مەقسەتتە، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ھەممە بىر نىيەتتە تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ