باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئەزا ئابلىز ئابلانىڭ مۇراجىتى
2008- 01- 21 10:53 شىنجاڭ گېزىتى

چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ نامى كرورانغا ئۆزگەرتىپ بېرىلسە

   بىر جاينىڭ نامى شۇ جاينىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىدۇ. نۇرغۇن كىشى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە كروران گۈزىلىنى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت سىرلىق رىۋايەتلەرنى بىلسىمۇ، كروران خارابىلىقىنىڭ چاقىلىق ناھىيىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس. كروراندىن ئىبارەت دۇنياغا مەشھۇر قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزناسى ساقلانغان چاقىلىق ناھىيىسى نېمە ئۈچۈن كروران نامى بىلەن ئاتالماي قالدى؟

   سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزا ئابلىز ئابلا بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇنداق تەكلىپ بەردى:

   چاقىلىق ناھىيىسى تارىختا كروران، پىشامشان، تاش قەلئە، چاقىلىق، دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كروران مەدەنىيىتى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇشلۇق بولسىمۇ، بۇ مەدەنىيەت ئىزناسىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان چاقىلىق ناھىيىسى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كروران نامى بىلەن ئەمەس، چاقىلىق نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. مۇبادا، چاقىلىقتەك تەبىئىي شارائىتى ناچار،چەت، يىراق نامرات بىر ناھىيە كروراندىن ئىبارەت دۇنياغا مەشھۇر بۇ نامنى ئۆزىگە نام قىلسا، ئۇنىڭ داڭقى ناھايىتى تېزلا  پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلىدۇ. ئېيتايلۇق، يۈننەن ئۆلكىسى جۇڭديەن ناھىيىسىنىڭ نامى شاڭگىلاخۇ، دەپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شان - شۆھرىتى تېخىمۇ ئېشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. شۇڭا، بىزمۇ باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز لازىم.

   چاقىلىق ناھىيىسى ئېلىمىز بويىچە يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە. ئۇزاق تارىختىن بۇيان، سىرلىق كروران خارابىلىقى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى قەبرىلەر نۇرغۇن ئارخېئولوگ، ئىكسپىدىتسىيىچىنى جەلپ قىلغان. ناھىيىمىزدە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەبرىلەر ۋە باشقا ئاسارئەتىقىلەرنى ئاساس قىلغان مۇزېي قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ناھىيىمىزدە يەنە ئېچىشقا بولىدىغان قېزىلما بايلىقلارمۇ خېلى كۆپ. بۇ بايلىقلار كارخانىچى، سودىگەرلەرنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلماقتا. شۇڭا بىز كروران نامى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى جەلپ قىلالىساق، ناھىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي  تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئۆز يېرىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى چىقىش قىلىپ، چاقىلىق دېگەن نامنى كرورانغا ئۆزگەرتىپ، كروران نامىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغانلا بولساق، ناھىيىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېز يۈكسەلدۈرەلەيمىز. قىسقىسى، چاقىلىقنىڭ نامىنى كرورانغا ئۆزگەرتىش چاقىلىقتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ