|
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى
ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: 17–يانۋار چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 2– قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزدى . يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېھىم ھامىت خىزمەتلەردىن دوكلات بەرمەكتە
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېھىم ھامىد ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش دەۋر يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا يۈكلىگەن زور مەسئۇلىيەت ۋە يۈكسەك بۇرچ . ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئابدۇرېھىم ھامىد دائىمىي كومىتېتنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ئاساسلىق خىزمەتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېموكراتىيە - قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىيات ، يۈكسىلىشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بەش يىل بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 16- ، 17- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىسلاھات ، تەرەققىيات ، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەتچىلىك قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئابدۇرېھىم ھامىد مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يەرلىك نىزام ۋە نىزام خاراكتېرلىك قاراردىن 64ى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى تەستىقلاشقا سۇنغان نىزام ۋە نىزام خاراكتېرلىك قاراردىن 37سى تەستىقلاندى. نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ‹‹ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە››نىڭ 39خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى. 60نەچچە قانۇن - نىزامنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەندى. 44 قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇلدى. ۋەكىللەر خىزمىتى، قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.
ئابدۇرېھىم ھامىد مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەمەلىيىتىنى خۇلاسىلىگەندە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەسىرات ۋە تەجرىبە - ساۋاققا ئىگە بولدۇق: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش؛ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە جەزمەن سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىل خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، پۇقرالارنى كۆڭلىگە پۈكۈش›› يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ‹‹ئادىل، ئۈنۈملۈك ئىشلەش›› دېگەن خىزمەت تېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇندىدى. بەش يىلدىن بۇيان، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تۈرلۈك دېلودىن 7177نى قوبۇل قىلىپ، 6801نى سوت ئېچىپ ئاياغلاشتۇردى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۈرلۈك دېلودىن 1 مىليون 281مىڭ 47نى قوبۇل قىلىپ، 1 مىليون 245مىڭ 411نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت خىزمىتى، قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلىدى.
روزى ئىسمائىل بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خەلق مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئاساس، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى نىشان، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاشنى يادرو، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، سوت ۋە ئىجرا خىزمىتى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسى ئىستراتېگىيىسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى مۇھەممەد يۈسۈپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن نازارەتچىلىك ئىقتىدارىنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بەش يىلدىن بۇيان، جىنايەت گۇماندارىدىن 88 مىڭ 354نى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ، 102مىڭ 762نى ئەيىبلىدى؛ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، 3511دۆلەت خادىمى سادىر قىلغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك 3555جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلىدى. بۇنىڭدىن خىيانەت، پارا سوممىسى 50مىڭ يۈەندىن، ئىشلىتىۋېلىنغان جامائەت پۇلى 100مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان دېلو 1043، ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دۆلەت خادىمى 251گە يەتتى.
مۇھەممەد يۈسۈپ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا خىزمەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ئىجراسىنىڭ ئادىللىقىنى قوغداش، تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەپتىش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ سايلام ۋە قارار ماقۇللاش چارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ گولياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن نيې ۋىيگو، ئەركىن ئىمىرباقى، فۇ چياڭ، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، لى شياڭلىن، سۇڭ جىگو، ئابدۇراخمان قۇربان، زىننەت ئۆمەر، شى شاۋلىن، جۇ چاڭجيې، مۇرات يۇنۇس، توختىخان ئىسمائىل، جاڭ بو، لى شۆجۈن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
|