باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!
2008- 01- 16 10:18 شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، نۇر بەكرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى ۋە ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارارى››نىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى 15–يانۋار ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

   ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالساق، ئاپتونوم رايونىمىزنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىغان شارائىت ھازىرلاندى، پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەت  ‹‹ئىككى بەش›› يىللىق پىلانغا چېتىلىدۇ، بۇ ھەم ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم مەزگىل، ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولغاچقا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. بىز پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ 32–نومۇرلۇق ھۆججىتى پۇرسىتىنى غەنىيمەت بىلىپ، مەركەزنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

   بۇ كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيى چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ، رەئىس سەھنىسىگە چوڭ دۆلەت گېربى ئېسىلغان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئون قىزىل بايراق سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاتار تىزىلغانىدى. يىغىن زالىدىكى پلاكاتقا يېزىلغان ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!››دېگەن شوئار بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىغا ئايلانغانىدى.

   يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋە ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن نۇر بەكرى، نيې ۋىيگو، ياڭ گاڭ، تيەن شيۇسى، ئەركىن ئىمىرباقى، خەن يۇڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇخەيلۇن، بەي جىجيې، جاڭ گولياڭ، دۇ چىنرۈي، مۇھەممەد رەجەپ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

   ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابدۇرېھىم ھامىد، ئەسقەت كەرىمباي، چيۇيەنخەن، جۇ جىنلىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

   مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېتەكچىلىك – ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

   ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:35 تە ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، ئوركېستىر دۆلەت گېمىنىنى ئورۇنلىدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 550، ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل 526بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن. سەككىز كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا ۋەكىللەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىدۇ.

   نۇربەكرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ ئۆتكەنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى سەككىز جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ۋە 2008–يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

   نۇربەكرى مۇنداق دېدى: ئۆتكەنكى بەش يىل شانلىق بەش يىل بولدى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا خۇشاللىنارلىق يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، 10–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىن بەلگىلىگەن نىشانغا ئومۇميۈزلۈك يەتتۇق. ئۆتكەنكى بەش يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلشتا زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بەش يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاشقان، خەلق ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بەش يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان بەش يىل بولدى.

   نۇربەكرى ئۆتكەنكى بەش يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى مۇنداق يەكۈنلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى باشتىن – ئاخىر چىڭ ساقلاش كېرەك. بۇ تەجرىبىلەر ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا،  ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر تونۇشىمىز، ھەم كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزدا شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىمىزدۇر.

   نۇربەكرى مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز كىشىگە ئىلھام ۋە شىجائەت بېغىشلايدۇ، ئەمما شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىزدا سەل قارىغىلى بولمايدىغان بەزى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. بىز بۇ مەسىلىلەرنى خەلق ئالدىدا يۈكسەك جاۋابكار بولۇش روھىمىز بىلەن، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ تاپشۇرۇقى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز. نۇربەكرى بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ھەم ھەسسىلەپ تىرىشپ، ‹‹11 – بەش›› يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ئورۇندايمىز، ھەم ‹‹12–بەش›› يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا پۇختا ئاساس سالىمىز. ئۇ دوكلاتتا كەلگۈسى بەش يىلدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرىچە ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشۇرۇپ،%12 ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ياكى يەتكۈزۈپ، غەربىي رايون بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش؛ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك ئومۇمىي سېلىنمىسىنى يىلىغا ئوتتۇرىچە%18ئاشۇرۇش؛ شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 16مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈش، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 4500يۈەندىن ئاشۇرۇش؛ 10مىڭ يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى 2007–يىلىدىكىدىن%20ئۆپچۆرىسىدە تۆۋەنلىتىش قاتارلىق نىشان كۆرسەتكۈچلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   نۇربەكرى يۇقىرىقى نىشانلارغا يېتىشتە تۆۋەندىكى توققۇز جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى: ئىقتىسادنى ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلاندۇرۇش، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ‹‹ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست›› نىڭ تەرەققياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.

   نۇربەكرى ئاخىرىدا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىگە زور بەخت يارىتىش بىزنىڭ يۈكسەك تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز. جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، گۈللەنگەن، باياشاد، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

   سۇڭ رۇگۇ، خەلچەم ئىسلام، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، خوجىخان ھاكىموف، ماجيەنگو، ئاسانبېك تۇردى، كۈرەش مەخسۇت، چيەن جى، جاپپار ھەبىبۇللا، خۇۋىي، دەي گۇڭشىڭ، جاڭ شيۇمىڭ، ۋۇ دۈنفۇ، شيۇڭ خۇييىن، ئابدۇقادىر نەسىردىن، ياۋ يۇڭفىڭ، جياڭ شەن، ئابدۇرېھىم ھاجى ئىمىن، سېرجيې، جۇ جىنجۇڭ، خۇاڭ چاڭيۈەن، شارىپقان، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، خۇا شىفىي، لى شىنگۇاڭ، خۇ جاۋجاڭ، ئالىپىسباي رەخىم، ليۇ شىنچى، ۋاڭ چۇڭجيۇ، لۈ گاڭ، ليۇ جيەنشىن، شۆھرەت زاكىر، يۈ شيۇدۇڭ، ۋاڭ جىلياڭ، سۇڭ جىگو، سۇڭ جيەنيې، جاۋ شياڭۋا، روزى ئىسمائىل، ياڭ جاۋجى، مۇھەممەت يۈسۈپ، ليۇ جيەنشىڭ ۋە شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قېيۇم باھاۋۇدۇن، چېن دېمىڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار ۋە ھەر ساھەدىكى ۋەكىللىك زاتلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ