|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 15 – يانۋار (بۈگۈن) چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى .
سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى . ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە بۇ قېتىمقى يىغىن باشلاندى .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەت خىزمەت دوكلاتى بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەت ، ئىككى بەش يىللىق پىلاندىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان مۇھىم باسقۇچلۇق خىزمەت . بىز پارتىيە17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئوموميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ھەر مىللەت خەلقىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ ، گۈللەنگەن ، باي ، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز لازىم .
دوكلات ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە 2008 – يىللىق خىزمەتلەردىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈندى .

نۇر بەكرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە
يىغىن زالىغا ئېسىلغان لوزۇنكىغا يېزىلغان ‹‹ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ھەممە بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، گۈللەنگەن ، باي ، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى ›› دېگەن خەتلەر بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى .
|