|
(2008–يىل 1 – ئاينىڭ 14–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى)
1. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛
2. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2007–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم 2008–يىللىق پىلان لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛
ئاپتونوم رايوننىڭ 2007–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم 2008–يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش؛
3. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2007–يىللىق مالىيە ئومۇمىي خام چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2008–يىللىق مالىيە ئومۇمىي خام چوت لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛
ئاپتونوم رايوننىڭ 2007–يىللىق مالىيە ئومۇمىي خام چوتىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2008–يىللىق مالىيە ئومۇمىي خام چوت لايىھىسىنى تەكشۈرۈش؛
ئاپتونوم رايوننىڭ 2008–يىللىق شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىنى تەستىقلاش؛
4. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛
5. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛
6. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛
7. ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋە مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)››نى قاراپ چىقىش؛
8. ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە قارار ماقۇللاش چارىسى (لايىھە)››نى قاراپ چىقىش؛
9. ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئەزالىرىنى سايلاش؛
10. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى سايلاش؛
11. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلاش؛
12. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاش؛
13. ئاپتونوم رايوندىن 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاش؛
14. ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋە مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى بېكىتىش.
|