|
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلايلى
(2007– يىل 10–ئاينىڭ 15–كۈنى)
خۇ جىنتاۋ

خۇ جىنتاۋ 15 – ئۆكتەبىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17–قۇرۇلتىيىدا دوكلات بەرمەكتە
يولداشلار:
ھازىر مەن پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بېرىمەن.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17–قۇرۇلتىيى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويغاندا چاقىرىلغان ناھايىتى مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلىش.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى—نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى بايراق، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان بايراق. ئىدىيىدە ئازاد بولۇش— جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى زور ئەڭگۈشتەر، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش—جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئىلمىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىناقلىق—جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي تەلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش—پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ 2020–يىلىغىچە بولغان كۈرەش نىشانى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى.
بۈگۈنكى دۇنيادا كەڭ ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا، ھازىرقى جۇڭگودىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە چوڭقۇر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلماقتا. پۇرسەت مىسلىسىز، خىرىسمۇ مىسلىسىز، پۇرسەت خىرىستىن ئۈستۈن تۇرۇۋاتىدۇ. پۈتۈن پارتىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقنى يېتەكلەپ يېڭى تارىخىي پەللىدىن ئاتلىنىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەتنى تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، دەۋر يۈكلىگەن ئالىيجاناب بۇرچنى ئادا قىلىشى كېرەك.
1. ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر
پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئالاھىدە بەش يىل بولدى. پارتىيىمىز مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدىكى مۈشكۈل ھەم ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ خەتەرلەرنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.
پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى تىكلەندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرى بەلگىلەندى. 16–قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت يەتتە قېتىم ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، 11– بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتەك ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقاردى ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇردى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدە يېڭى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ زور دەرىجىدە ئاشتى. ئىقتىساد مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە%10 تىن يۇقىرى ئاشتى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئاشتى، مالىيە كىرىمى يىلدىن – يىلغا روشەن كۆپەيدى، مال باھاسى ئاساسەن مۇقىم بولدى. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيتىلدى. يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى خىلى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئېنېرگىيە، قاتناش، ئالاقە قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئېنېرگىيە، بايلىق تېجەش ۋە ئېكولوگىيە، مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولدى. 10–بەش يىللىق پىلان غەلىبىلىك ئورۇندىلىپ، 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلان ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا زور بۆسۈش بولدى. يېزىلاردىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلاشتى، دېھقانچىلىق بېجى، چارۋىچىلىق بېجى، ئالاھىدە مەھسۇلات بېجى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىكىگە مەدەت بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە، مالىيە – باج، سېلىنما، باھا، پەن – تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلار زور ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى. بازار سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش داۋاملىق ياخشىلاندى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسى تېز ئۆزگەرتىلدى. ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى، ‹‹چىقىرىش›› ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىگىلىك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
خەلق تۇرمۇشى روشەن ياخشىلاندى. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى خىلى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئائىلىلەرنىڭ مال – مۈلكى ئومۇميۈزلۈك كۆپەيدى. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، نامراتلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئاھالىنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسى ياخشىلاندى، كىيىنىش، تاماق، تۇرالغۇ، قاتناش ۋە لازىمەتلىك سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىشى روشەن كۈچەيتىلدى.
دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىك ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلدى. ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ راۋاجلاندى ۋە زورايدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسى ھەقىقىي ئىزچىللاشتى. مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.
مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، ماركسىزم نەزەرىيىسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى گەۋدىلىك بولدى. ئىدىيە– ئەخلاق قۇرۇلۇشى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى تېخىمۇ بېيىدى. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ۋە ماھارەت تەنتەربىيىسىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلدى.
ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپ تېز تەرەققىي قىلدى، يېزىلاردا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشتى. ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى كۈنسايىن كېڭەيدى. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. سارسقا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە زور غەلىبە قولغا كەلدى، جامائەت ساغلاملىقى سىستېمىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىجتىمائىي باشقۇرۇش قەدەممۇقەدەم مۇكەممەللەشتى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولۇپ، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلدى.
دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلدى. جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئارمىيە شتاتىدىن 200مىڭنى قىسقارتىش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، ئارمىيىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەت يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. شىياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقى ساقلىنىپ، ئىچكىرى جايلار بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئىككى قىرغاقتىكى پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى، خادىملارنىڭ ئالاقىسى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلدى. دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى قەتئىي قوغدالدى.
ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى. مۇستەقىل، ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈرلۈك دىپلوماتىيە خىزمىتى پائال قانات يايدۇرۇلدى، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق كەڭ كۆلەمدە كۈچەيدى، خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىلدى.
پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىش ئىشلىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلدى. كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيىسى پائالىيىتىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا، بولۇپمۇ كادىرلارنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە تەشكىلىي تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.
نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، خىزمىتىمىزنىڭ خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدىن يەنىلا خېلى پەرقى بارلىقىنى، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەك، گەۋدىلىك بولغىنى شۇكى: ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا ناھايىتى زور بايلىق ۋە مۇھىت بەدىلى سەرپ قىلدۇق؛ شەھەر – يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات يەنىلا تەكشى ئەمەس؛ يېزا ئىگىلىكىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشتا قىيىنچىلىق زورايدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ، سەھىيە، تۇرالغۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئەدلىيە ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، قىسمەن تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر قىيىن؛ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ؛ پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە دېگەندەك لايىقلىشالمايۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر بەزى زور ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يېتەرلىك دەرىجىدە چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلمايۋاتىدۇ؛ بەزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ؛ ئاز ساندىكى پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئىستىلى دۇرۇس ئەمەس، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قىلىش، پاسسىپلىق، چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر. بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، داۋاملىق تۈردە ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ بەش يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىشلىرى زور دەرىجىدە ئالغا سىلجىتىلگەن بەش يىل، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى زور دەرىجىدە ئاشقان ۋە خەلق تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن بەش يىل، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى كۆرۈنەرلىك يۈكسەلگەن بەش يىل، پارتىيىنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى روشەن كۈچەيگەن ۋە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشقان بەش يىل بولدى. ئەمەلىيەت مەركىزىي كومىتېت پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدا ۋە پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك زور تەدبىرلەرنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار—پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، دېموكراتىك پارتىيە، گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارغا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا، شۇنداقلا مۇھاجىر قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەرقايسى ئەللەردىكى بارلىق دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
2. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى
بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 30يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. 1978–يىلى پارتىيىمىز زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتەك يېڭى تارىخىي دەۋرنى باشلىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھى ۋە قۇدرەتلىك يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىشتەك يېڭى سەلتەنەتلىك تارىخىي داستانىنى ياراتتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتىدە، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ قىياپىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قىياپىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش—پارتىيىمىز يېڭى دەۋر شارائىتىدا خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى باياشات تۇرمۇشقا يەتكۈزۈش، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش؛ يەنى ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىزمغا يېڭىدىن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش؛ ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش داۋامىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئىزچىل تۈردە دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.
شۇنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەككى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش پارتىيىنىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىپ توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى ھازىرقى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە تۈزۈم ئاساسى يارىتىپ بەردى.
شۇنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەككى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى پارتىيىنىڭ يولداش دېڭ شياۋپىڭ يادرولۇقىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئون يىللىق ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› كەلتۈرۈپ چىقارغان خەتەرلىك ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، غايەت زور سىياسىي ۋە نەزەرىيىۋى جاسارەت بىلەن، يولداش ماۋ زېدۇڭغا ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىگە ئىلمىي باھا بېرىپ، ‹‹سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش›› تىن ئىبارەت خاتا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتنى تەلتۆكۈس ئىنكار قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتەك تارىخىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەننى تۇرغۇزۇپ، ئۆز يولىدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتەك دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەككى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا پارتىيىنىڭ يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى ئۈچىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ۋارىسلىق قىلغان، ئۇنى راۋاجلاندۇرغان ھەم ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 21–ئەسىرگە يۈزلەندۈرگەن. پارتىيە 13–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدىن پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىغىچە بولغان زور تارىخىي پەيتتە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان پارتىيىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى تاشقى سىياسىي بوران – چاپقۇن، ئىقتىسادىي خەۋپ – خەتەرگە ئوخشاش كەسكىن سىناق ئالدىدا، پارتىيە ۋە خەلققە تايىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پاراخوتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلدى.
پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىنى تۇتۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق.
يېڭى دەۋردىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك — ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولدى. يېزىدىن شەھەرگىچە، ئىقتىسادىي ساھەدىن باشقا ھەرقايسى ساھەلەرگىچە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توسالغۇسىز قانات يايدى؛ دېڭىز بويىدىن چاڭجياڭ دەرياسى بويى، چېگرا رايونلارغىچە، شەرقىي رايونلاردىن تارتىپ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغىچە ئىشىك سىرتقا قەتئىيلىك بىلەن ئېچىۋېتىلدى. تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇنداق زور ئىسلاھات، زور ئېچىۋېتىش مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئېلىمىزدە يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ھالىتىگە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنىڭ ئۇتۇقلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى.
يېڭى دەۋردىكى ئەڭ روشەن ئۇتۇق—تېز تەرەققىي قىلىش بولدى. پارتىيىمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ‹‹ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش›› ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، خەلقنى يېتەكلەپ جاپالىق كۈرەش قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادا كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان سۈرئەتتە سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بىر مەھەل بەرباد بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھالەتتىن ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا 4 – ئورۇندا تۇرىدىغان، ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى دۇنيادا 3 – ئورۇندا تۇرىدىغان ھالەتكە ئۆتتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كىيىنىش، تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىق ھالەتتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيىگە يەتتى، يېزىلاردىكى نامرات نوپۇس 250نەچچە مىليوندىن ئازىيىپ 20نەچچە مىليونغا چۈشتى، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش جەھەتتە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك ئۇتۇقلار قولغا كەلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىگە باياشات، ئامان ھەم ساغلام ياشايدىغان داغدام يولغا پۇختا قەدەم تاشلاش ئىمكانىيىتى بېرىپلا قالماستىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور تۆھپە قوشتى.
يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گەۋدىلىك بەلگە — دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش بولدى. پارتىيىمىز ماركسىزملىق ئىدىيىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيىنى قانداق قۇرۇش، قانداق تەرەققىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، قانداق تەرەققىي قىلىشتەك زور نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب تېپىپ، ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز جۇڭگوچىلاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىلىرىدە چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى بېيىتتى. سوتسىيالىزم ۋە ماركسىزم جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت سائادەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى چوڭ قەدەم تاشلاپ دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئېقىمىغا يېتىشىۋېلىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى كۈتۈۋېلىشتەك پارلاق مەنزىلگە ئىگە قىلدى.
ھەقىقەت شۇنى شەكسىز ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ يول، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول؛ سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشلا جۇڭگونى راۋاجلاندۇرالايدۇ، سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرالايدۇ، ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرالايدۇ.
بىر يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب بولغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقىرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ ئاساسلىقى شۇ بولدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلدى، دەۋر ئېقىمىغا لايىقلاشتى، يۆنىلىش ۋە يول تامامەن توغرا بولدى، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە تۆھپىسىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، توختاپ قېلىشقا ۋە چېكىنىشكە يول يوق.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي جەريانىدا، پارتىيىمىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشنى، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى، ئىقتىسادىي بازىسنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن ئۈستقۇرۇلما ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشنى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىجتىمائىي ئادىللىققا تۈرتكە بولۇشنى، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئىشتىراك قىلىشنى، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلىتىمىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىزمنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە بولدۇق.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجىلىرىمىز ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە، مۇشۇ يول ۋە مۇشۇ نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ئەڭ مۇھىم.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى دېگىنىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەۋقەنى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يولىدۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ تامامەن توغرا بولۇشى، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلالىغانلىقى بىزنىڭ ھەم ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا ھەم ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنى روشەن جۇڭگوچە تۈس ئالدۇرغانلىقىمىزدا كۆرۈلدى. ھازىرقى جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغانلىق سوتسىيالىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى — دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي نەزەرىيىۋى سىستېما. بۇ نەزەرىيىۋى سىستېما ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ بوشاشماي ئىزدىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتەك ئەقىل – پاراسىتى ۋە قان – تەرى سىڭگەن، ئۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە، پارتىيىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك سىياسىي ۋە مەنىۋى بايلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيىۋى ئاساس. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن نەزەرىيىۋى سىستېما. ‹‹كومپارتىيە خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنغان 160يىلغا يېقىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، دەۋر تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن، خەلق ئاممىسى بىلەن تەقدىرداش بولغاندىلا، ئاندىن قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ، ئىجادىي كۈچ ۋە چاقىرىق كۈچىنى ئۇرغۇتالايدۇ. ھازىرقى جۇڭگودا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرغانلىق ماركسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق بولىدۇ.
ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار پارتىيىمىز مىڭبىر جاپادا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشى، ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشى، دادىل ئسلاھات ئېلىپ بېرىشى، يېڭىلىق يارىتىشى، مەڭگۈ قاتماللاشماي، مەڭگۈ توختاپ قالماي، ھەرقانداق خەۋپ – خەتەر ئالدىدا تىز پۈكمەي، ھەرقانداق كاشىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ، ھازىرقى جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ شانلىق ھەققانىيەت نۇرىنى چاقناتقۇزۇشى كېرەك.
3. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش
يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا داۋاملىق تۈردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى — پارتىيىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيىسىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى، ئۇ ھەم ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسى بىلەن تومۇرداش ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى— مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى خۇلاسىلەپ، چەت ئەلنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بىر قاتار باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى، ئاساسلىقى: ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ كۆرۈنەرلىك كۈچىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى ئومۇمىي جەھەتتىن دېگەندەك يۇقىرى بولمىدى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىدى، ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان شەكىللەنگەن قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت ۋە يىرىك ئېشىش شەكلى تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىدى؛ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم توسالغۇلىرى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، ئىسلاھات جېڭى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىرىم تەقسىماتىدىكى پەرق زورىيىپ كېتىش يۈزلىنىشى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىدى، شەھەر – يېزىلاردىكى نامراتلار ۋە تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ نوپۇسى يەنىلا خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ھەر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشتى؛ ماس تەرەققىي قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئاجىز بولۇش، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش ۋەزىيىتى تېخى ئۆزگەرگىنى يوق، شەھەر يېزا تەرەققىياتىدىكى، رايونلار تەرەققىياتىدىكى پەرقنى ئازايتىش ۋە ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى قىيىنلاشتى؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسى پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى خەلق دېموكراتىيىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىگە تېخى تولۇق ئۇيغۇنلاشقىنى يوق، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تېخىمۇ گۈللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك ئېھتىياجى كۈنسايىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى پائالىيىتىنىڭ مۇستەقىل، تاللاشچان، كۆپ ئۆزگىرىشچان ۋە پەرقلىق بولۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، بۇ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويماقتا؛ ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچ روشەن ئاشۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي قۇرۇلما، ئىجتىمائىي تەشكىلات شەكلى، ئىجتىمائىي مەنپەئەت ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش نۇرغۇن يېڭى تېمىلارغا دۇچ كەلدى؛ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسى كۈنسايىن كېڭىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا رىقابەت كۈنسايىن كەسكىنلەشتى، تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش بېسىمى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ – خەتەرلەر كۆپەيدى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى.
بۇ ئەھۋاللار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىگىچە، ئىقتىسادىي بازىستىن ئۈستقۇرۇلمىغىچە چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك زور ئۆزگىرىش بولدى، لېكىن ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم يەنىلا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشىدەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ئىجتىمائىي زىددىيەت ئۆزگەرگىنى يوق. ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى كونكرېت ئىپادىلىنىشىدە كۆرۈلىدۇ. سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇشنى تەكىتلىگەنلىك ئۆزىمىزنى بەك تۆۋەن چاغلىغانلىقىمىز، ئارقىدا قالغانلىققا تەن بەرگەنلىكىمىز ئەمەس، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغانلىقىمىز، ئۇتۇق قازىنىشقا ئالدىرىغانلىقىمىزمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىز. بىز ئىزچىل سەگەك بولۇپ، مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇشتەك بۇ ئەڭ زور ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئومۇميۈزلۈك ئىشتىراك قىلىشىدىكى يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى خىرىسنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەرلىشىش، بازارلىشىش، خەلقئارالىشىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىدەك يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن يېڭى تېما، يېڭى زىددىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ بىپايان تەرەققىيات مەنزىلىنى تىرىشىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەزمۇنى — تەرەققىيات، يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاساسىي تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، تۈپ ئۇسۇلى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش.
— تەرەققىياتنى پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلىش، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەتنى پەن – مائارىپقا تايىنىپ گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسى، ئىختىساسلىقلار دۆلىتى ئىستراتېگىيىسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى كۈچەپ ئىگىلەپ، تەرەققىيات قارىشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىلمىي تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىشلار ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، جەمئىيەت ئەزالىرى ئىتتىپاق، ئىجىل ئىناق بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىنى راۋاجلاندۇرىدىغان، ھەم ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان تىنچ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
—ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش كېرەك. جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش — پارتىيىمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى، پارتىيىنىڭ بارلىق كۈرەشلىرى ۋە خىزمىتى— خەلققە بەخت يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىزچىل تۈردە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى قىلىپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك.
—ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سۈرئەت بىلەن قۇرۇلما، سۈپەت بىلەن ئۈنۈم بىردەك بولۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن نوپۇس، بايلىق، مۇھىت ماس بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
—بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرى داۋامىدىكى زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا تونۇپ ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەر – يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن كوللېكتىپ مەنپەئىتىنى، قىسمەن مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتنى، ھازىرقى مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسى مەنپەئەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۇنياۋى قاراش تۇرغۇزۇپ، ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەردىن تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەشكە، خەۋپ خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ياخشى خەلقئارا مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. ھەم ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەم ئومۇمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق خىزمەتلەرنى، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىزدىن ‹‹بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا››دىن ئىبارەت ئاساسىي لۇشيەندە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ جېنى، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ سىياسىي كاپالىتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئەبەدىي ئامانلىقىنىڭ تۈپ تەلىپى؛ تۆت ئاساسىي پرىنسىپ دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى، پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە راۋاجلىنىشىنىڭ سىياسىي ئۇل تېشى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يولى، پارتىيىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشى، يۈكسىلىشىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش بىلەن تۆت ئاساسىي پرىنسىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي نۇقتىنى جۇڭگوچە سوتسيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىزدىن پائال تۈردە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئىناقلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى. ئىلمىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائي ئىناقلىق ماھىيەتلىك بىرلىككە ئىگە. ئىلمىي تەرەققىيات بولمىسا ئىجتىمائىي ئىناقلىق بولمايدۇ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق بولمىسا ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ قىيىن. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي ۋەزىپە، تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى تەرەققىيات ئاساسىدا توغرا ھەل قىلىدىغان تارىخىي جەريان ۋە ئىجتىمائىي نەتىجە. تەرەققىيات ئارقىلىق ئىجتىمائىي ماددىي بايلىقنى كۆپەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ھەم تەرەققىيات ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئادىللىققا، ھەققانىيەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققىيانىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسى، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى زور ۋەزىپە. دېموكراتىيە قانۇن ئىدارە قىلىش، ئادىل ھەققانىي بولۇش، سەمىمىي دوستانە بولۇش، ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇش، تىنچ تەرتىپلىك بولۇش، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ۋە ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىگە بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ھەركىم ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان ھەم ئىناق ئۆتىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىياتقا ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بىزدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ئىلمىيلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئۈنۈمدارلىققا ئىگە، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق تۈزۈلمە، مېخانىزم بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تۈزۈلمە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىسلاھاتتا باشتىن ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىزدىن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى ئادا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىلمىي تەرەققىياتقا يېتەكچلىك قىلىشىدا، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگونى تەرەققىياتقا، يۈكسىلىشكە يېتەكلىشىدە، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي تەرەققىيات تەلىپىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشەنچلىك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا ماس كەلمىگەن، ئۇيغۇن بولمىغان ئىدىيىۋى قاراشنى كۈچەپ ئۆزگەرتىشى، ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پۈتكۈل جەمئيەتنىڭ تەرەققىيات ئاكتىپلىقىنى ئىلمىي تەرەققىيات ئاساسىدا يېتەكلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
4. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپى
بىز 16–قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى كۆزلەپ پۇختا قەدەم تاشلىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، 2020–يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
بىز ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشاش يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە تۈپ سىياسىتىدىن تەركىب تاپقان ئاساسىي پروگراممىدا چىڭ تۇرۇپ، 16–قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئاساسىدا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىشىمىز كېرەك.
— تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش. تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىدى، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، مۇھىتنى ئاسراش ئاساسىدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي قىممىتىنى 2020–يىلى 2000–يىلىدىكىدىن ئىككى قاتلاش. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىتېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمىز كېرەك. ئاھالىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورت ماسلىشىپ تۈرتكە بولىدىغان ئېشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش. شەھەر، يېزا، رايونلار ئۆزئارا تەڭكەش تۈرتكە بولىدىغان تەرەققىيات مېخانىزمى ۋە ئاساسىي فۇنكسىيىلىك رايونلار قۇرۇلمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش. شەھەر، بازار نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش.
— سوتسيالىسىتك دېموكراتىيىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش. پۇقرانىڭ سىياسىي ئىشتىراكىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش. دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇن – تۈزۈم قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش. ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش. ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش.
— مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ياخشى ئىدىيە ئەخلاق، ئىستىلنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش. پۈتكۈل جەمئىيەتنى قاپلىغان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن سالمىقىنى روشەن ئۆستۈرۈش، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ بېيىتىش.
—ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش. ھازىرقى خەلق مائارىپى سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆمۈرلۈك تەربىيە سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەربىيە ئېلىش دەرىجىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سەۋىيىسىنى روشەن ئۆستۈرۈش. ئىجتىمائىي ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش. شەھەر يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش، ھەممە ئادەم ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش. مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولغان كىرىم تەقسىماتى قۇرۇلمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈپ، ئوتتۇرا ھال كىرىم قىلىدىغانلارنى كۆپ سانلىققا يەتكۈزۈش، كۆك نامراتلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش. ھەممە كىشىنى ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش. ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش.
— ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيلىك بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە، بايلىقنى تېجەيدىغان ۋە ئېكولوگىيە، مۇھىتنى ئاسرايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېىشىش شەكلى، ئىستېمال ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش. ئايلانما ئىقتىسادتا چوڭراق كۆلەم شەكىللەندۈرۈش، ھاسىلىي ئېنېرگىيىنىڭ نىسبىتىنى روشەن ئۆستۈرۈش. ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيە، مۇھىت سۈپىتىنى روشەن ياخشىلاش. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيلىك قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش.
2020–يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، بىزنىڭ بۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىي قەدىمىي دۆلىتىمىز ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلىتىمىز سانائەتلىشىش ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن، ئىچكى بازار ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان دۆلەتكە، خەلقنىڭ باياشادلىق دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەن، تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ياخشى دۆلەتكە، خەلق تېخىمۇ تولۇق دېموكراتىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان، تېخىمۇ يۇقىرى مەدەنىيلىك ساپاسىغا ۋە مەنىۋى ئارزۇغا ئىگە دۆلەتكە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، جەمئىيەت تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان دۆلەتكە، سىرتقا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ يېقىملىق، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىكىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، باش كۆتۈرمەي جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. 5. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش
كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، مۇھىمى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاش جەھەتتە زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەڭشىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش سەۋىيىسى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى تۈزۈم جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
(1)ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت بەرپا قىلىش. بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنىڭ يادروسى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلانى پروگراممىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللاش كېرەك. كارخانىلار سۇبيېكىت، بازار يېتەكچى قىلىنغان، كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى كارخانىلارغا توپلىنىشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇنى قوللاپ، پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن – تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىدىغان قانۇنچىلىق كاپالىتى، سىياسەت سىستېمىسى، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، بازار مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش لازىم. خەلقئارا پەن – تېخنىكا بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان مۇھىتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئالىملار ۋە پەن – تېخنىكا باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتە يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھەر جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان ۋەزىيەتنى يارىتىش كېرەك.
(2)ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش. بۇ خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەخىرسىز ھەم زور ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە. جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىشتا، ئىچكى تەلەپنى بولۇپمۇ ئىستېمال تەلىپىنى ئاشۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىقى سېلىنما، ئېكسپورتنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىشتىن ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورتنىڭ ماسلىشىپ يېتەكلىشىگە تاينىشقا، ئاساسلقى ئىككىنچى كەسىپنىڭ يېتەكلىشىگە تايىنىشتىن بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىپ يېتەكلىشىگە تايىنىشقا، ئاساسلىقى ماددىي بايلىق سەرپىياتىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىشتىن ئاساسلىقى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشقا يۈزلىنىش كېرەك. زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇچۇرلىشىش بىلەن سانائەتلىشىشنىڭ بىرلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت كۆلىمىنىڭ زور بولۇشتىن قۇدرەتلىك بولۇشقا ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، ئۈسكۈنە –جابدۇق ئىشلىمە سانائىتىنى گۈللەندۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇچۇر، بىئولوگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئاۋىئاتسىيە – ئالەم، دېڭىز – ئوكيان ئىشلىرىغا ئائىت كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش؛ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسىپىنىڭ سالمىقى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۇل كەسىپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، زامانىۋى ئېنېرگىيە كەسپى ۋە ئۇنىۋېرسال ترانسپورت سىستېمىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. (3)شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇنى پۈتكۈل پارتىيە خىزمىتىدە باشتىن – ئاخىر مۇھىم ئىشنىڭ مۇھىمى قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەيدىغان ئۇزاق مەنپەئەتلىك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قاتتىق قوغداپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھايۋانات ئۆسۈملۈك يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى يادرو قىلىپ، يېزا – بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ناھىيە ئىگىلىكىنى زورايتىپ، دېھقانلارنى كۆپ يوللار ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەپ روناق تاپقۇزۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئىختىيارىي بولۇش، ھەقلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەش بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرسا بولىدۇ. كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ ئۈنۈملۈك رېئاللىشىش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. بىلىملىك، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشنى بىلىدىغان يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكىتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
(4)ئېنېرگىيە، بايلىقنى تېجەش ۋە ئېكولوگىيە، مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، راۋاجلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك. بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشنى سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەربىر ئورۇن، ھەربىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە، بايلىقنى تېجەش ۋە ئېكولوگىيە، مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش، سەپلەش، دەۋرىيلىك پايدىلىنىشقا ئائىت ئىلغار، ياراملىق تېخنىكا يارىتىپ ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇنى پاكىز ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يەر ۋە سۇ بايلىقىنى قوغداش، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇھىت ئاسراش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، سۇ، ئاتمۇسفېرا، تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. سۇچىلىق، ئورمانچىلىق، ئوتلاق قۇرۇلۇشىنى، چۆللىشىش، قۇملىشىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر شارى كىلىماتىنى قوغداشقا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
(5)رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررىتورىيىلىك تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش. رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى رايون ھالقىپ مۇۋاپىق يۈرۈشۈشكە يېتەكلەش كېرەك. رايونلار تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيىسىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۈكسىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، شەرقىي رايونلارنىڭ ئالدىن راۋاجلىنىشىنى پائال قوللاش كېرەك. تېررىتورىيىلىك يىرىك پىلاننى كۈچەيتىپ، ئاساس فۇنكسىيىلىك رايون شەكىللەندۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، رايونلار سىياسىتىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش كېرەك. بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مەمۇرىي رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باشلامچىلىق رولى كۈچلۈك، قويۇق ئالاقىلىك بىرقانچە ئىقتىساد چەمبىرىكى ۋە ئىقتىساد بەلبېىغى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، شەرقىي رايونلارنى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بايلىقى تۈگىگەن رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلار، شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى، تيەنجىن بىڭخەي يېڭى رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە بازارلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، شەھەر – يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش، يەرنى تېجەش، فۇنكسىيىسى مۇكەممەل بولۇش، چوڭلىرى كىچىكلىرىنى يېتەكلەش پرىنسىپىغا ئاساسەن، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك بازارلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرگە تايىنىپ، تەسىر كۆرسىتىش رولى زور بولغان شەھەرلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى رايونلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
(6)تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي رىغبەت بېرىش، ئۇنى قوللاش، يېتەكلەش، نەرسە ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان، ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىركەت تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ۋە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى، كونترول قىلىش ئىقتىدارى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مونوپول كەسىپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رىقابەت مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ۋە جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خام چوت تۈزۈمىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كوللېكتىپ كارخانىلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك، ھەمكارلىق ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئادىل ئىجازەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تۈزۈلمە توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، يەككە ئىگىلىك، خۇسۇسىي ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامانىۋى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئاساس قىلىپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، بازارنىڭ تەمىنلەش تەلەپ مۇناسىۋىتى، بايلىقنىڭ قىسلىق دەرىجىسى، مۇھىتنىڭ زىيانغا ئۇچراش تەننەرخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى ۋە بايلىق باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسپىي جەمئىيەتلەر ۋە بازار ۋاسىتىچى تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك.
(7) مالىيە – باج تۈزۈلمىسى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە ئاساس فۇنكسىيىلىك رايونلار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، جامائەت مالىيىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خام چوت تۈزۈمى ئسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خام چوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەركەز ۋە جايلارنىڭ مالىيە كۈچىنى ئىش ھوقۇقى بىلەن ماسلاشتۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان، ئاشكارا بولغان مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئادەتتىكى يۆتكەپ چىقىم قىلىش كۆلىمى ۋە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىگە قارىتىلغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق مالىيە باج تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش تۈزۈمى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاشقا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ۋە كۆپ خىل ئىگىلىك شەكلىدىكى قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، فۇنكسىيىسى مۇكەممەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بانكىچىلىق، ئاكسىيە، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئۆستۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال تۈرىنى ئايرىۋاشلاشنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە چىڭىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يىرىك پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى، پىلانى ۋە كەسىپ سىياسىتىنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مالىيە، پۇل سىياسىتىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، ماكرولۇق تەڭشەش تىزگىنلەش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
(8)ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش. دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹كىرگۈزۈش›› بىلەن ‹‹چىقىرىش››نى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىش بىر – بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئالىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساد دۇنياۋىلاشقان شارائىتتا خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتە يېڭى ئۈستۈنلۈك شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دېڭىز بويى رايونلىرىنى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى رايونلارنى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنى ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشىكنى ئىچىگە ئېچىۋېتىش بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تاشقى سودىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، مەۋقەنى سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە قويۇپ، ئىمپورت – ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، پىششىقلاش سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، رايونلارنى تەڭكەش راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەل بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارالىق تىجارەتنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلىرى ۋە خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلىرىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارا ئېنېرگىيە بايلىقى بويىچە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارا كىرىم چىقىمنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقئارا ئىقتىساد خەۋپ خەتىرىدىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.
6. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇش
خەلق دېموكراتىيىسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەتنى راۋاجلاندۇرۇش پارتىيىمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان كۈرەش نىشانى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بىز سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ سىياسىي ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىش ئاكتىپلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسەتنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىدە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئاساس قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئىشقا سېلىشنى نىشان قىلىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كېڭەيتىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش شەرت. پارتىيىنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك رەھبەرلىك يادرولۇق رولىدا چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنىڭ خەلققە مەنسۈپ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرانىڭ قاتلام، ساھەلەر بويىچە سىياسىي ئىشلارغا تەرتىپلىك ئىشتىراك قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقنى دۆلەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشقا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئەڭ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش كېرەك؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدار |